ئامېرىكىدىكى 30 ئادەم سالمونىيلار باكتىرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 4 ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان

0 2012-09-27 10:37:14   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئامېرىكا كىسەللىكنى كونتىرول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى 25-چىسلا بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئاز دىگەندە 19 شىتاتقا تارقالغان 30 ئادەمنىڭ سالمونىيلار باكتىرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىتىن جىددىي خاراكتىرىلىك ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە 4 ئادەمنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلىقىنى، لىكىن بۇ كىسەلنىڭ ئادەملەرنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

   كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ بىر پارچە باياناتىدا بۇ بىمارلار ئىچىدە تۆتتىن ئۈچ قىسم بىمارنىڭ 18 ياشتىن تۈۋەن ياش ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى، كىسەللىكنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنىڭ بىر قەدەر كەڭ ئىكەنلىكى، بىمارلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان ماسساچۇستىس شىتاتىدىمۇ پەقەت 3 بىمارنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان. بۇ بىمارلار يۇقۇملانغان سالمونىيلار باكتىرىيەسى كۆپ ئۇچىرىمايدىغان Bredeney سالمونىيلار باكتىرىيەسى بۇلۇپ، يۇقۇم مەنبەسى يېڭى مىكسىكا شىتاتى Sunderland شىركىتى ئىشلەپچىقارغان چىياۋشې تاللا بازىرى زەنجىرسىمان دۇكىنى ساتقان بىر خىل خاسىڭ قىيامى بۇلىشى مومكىن ئىكەن.

   چىياۋشې تاللا بازىرى ۋە Sunderland شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 22-چىسلا ۋە 24-چىسلا كۆپ خىل تۈردىكى خاسىڭ قىيامىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزى نۆۋەتتە يىمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەمدە نۇرغۇن شىتاتلاردىكى ھۈكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەنە باشقا يىمەكلىك بۇلغانما مەنبەسى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ.

   سالمونىيلار باكتىرىيەسى ئامېرىكىدا كۆپ كۈرۈلىدىغان يىمەكلىك بۇلغىغۇچى مەنبە بۇلۇپ جىددىي خاراكتىرلىك ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىمارلار كىسەللىك باكتىرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 12 سائەتتىن 72 سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا قىزىتىش، ئىچى سۈرۈش، ياندۇرۇش، قورسىقى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدىكەن، كىسەللىك داۋاملىق 4 كۈندىن 7 كۈنگىچە داۋاملىشىدىكەن، ئېغىر بولغاندا جاننى ئالىدىكەن. بۇ خىل باكتىرىيە دائىم بۇلغانغان يىمەكلىكلەر ئارقىلىق ئادەملەرگە تارقىلىدىكەن، ھايۋانلار بىلەن ئۇچىرىشىش ياكى بۇ خىل كىسەل بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ يۇقۇملىنىپ قېلىشى مومكىن ئىكەن، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بولسا يىمەك-ئىچمەك تازلىقىغا دىققەت قىلىش ۋە قولنى پاكىز يۇيۇش قاتارلىقلار ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博