ئەنگىلىيەلىك 22 ياشلىق ئايالنىڭ بەل ئايلانمىسى 40 سانتىمىتىر كىلىدىكەن

0 2012-10-09 10:08:08   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئەنگىلىيە " قۇياش گىزىتى " نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرى: ئەنگلىيەلىك ئايال Nerina Orton نىڭ بەل ئايلانمىسى پەقەت 15.7 ئىنگلىز چى(39.9 سانتىمىتىر) كىلىدىغان بۇلۇپ بۇ ئۆلچەم ئامېرىكىلىق Cathie Jung ياراتقان15 ئىنگىلىز چى(38 سانتىمىتىر) لىق ئەڭ كىچىك بەل ئايلانمىسى دۇنيا رىكورتىغا يېقىنلاشقان، لىكىن Nerina Orton ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كىچىك بەل ئايلانمىسى رىكورتىنى ياراتقان.

   خەۋەردە ئېيتلىىشچە، Nerina Orton ھازىر 22 ياش بۇلۇپ لوندون پايتەخىت ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئىكەن، ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.62 مىتىر، بەدەم ئېغىرلىقى 50.8 كىلوگىرام ئىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق ئىنچىكە بەلگە ئىگە بۇلىشىدىكى مەخپىيىتى بولسا ئۇ 14 يېشىدىن باشلاپ بەلباغ باغلىغان ئىكەن. مۇنچىغا چۈشكەندە بەلباغنى ئېلىۋەتكەندىن باشقا Nerina Orton ھەر كۈنى 23 سائەت بەلباغ تاقايدىكەن.

   Nerina Orton ھەر كۈنى 6 ۋاق تاماق يەيدىكەن، ھەر قېتىمدا مىقدارى ئىنتايىن ئاز يىمەكلىك يىيىش ئارقىلىق ھەزىم قىلىشنىڭ ناچار بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۈزىنىڭ زىيادە ئىنچىكە بىلىنىڭ بەدىنىگە زىيان ئېلىپ كىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرىدىكەن.

   Nerina Orton :" بەلباغ تاقاش ماڭا ئۈزۈمنىڭ تېخىمۇ ئاياللىق خاراكتىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدۇرىدۇ، بەلباغ قىزلارغا گۈزەل فىگورا ئاتا قىلىدۇ." دېگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博