ئەنگىلىيىلىك 5ياشلىق قىز يوقاپ كەتكەن ،مىڭلىغان ئادەم كوچىغا چىقىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغان

0 2012-10-09 10:35:39   chinanews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئاۋىستىرالىيە 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئەنگىلىيە ۋېلىش رايونىدىكى كىچىك بازار Machynlleth دىكى 5ياشلىق قىز April Jones يېقىندا يۈتۈپ كەتكەن بولۇپ ساقچى تەرەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈلدى دەپ قارىغان،نەچچە كۈن بۇرۇن شۇ يەردىكى 1000دىن ئارتۇق ئامما كوچىغا چىقىپ كوللىكتىپ April Jones ئۈچۈن دۇئا قىلغان.

ئىگىلىنشچە كىشلەر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم April Jonesنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كۆرگەن .شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ۋېلىسىپىت مىنىپ ئويناۋاتقان ،شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان. ساقچى تەرەپ 46ياشلىق ئەر Mark Bridgerنى April Jonesنى ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىپلىگەن.

10-ئاينىڭ 7-كۈنى شۇ يەردىكى تەخمىنەن 1000دىن ئارتۇق ئامما كوچىغا چىقىپ قىزچاق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئوينىغان جايدىن يولغا چىقىپ ئەڭ ئاخىرىدا چىركاۋغا يىغىلىپ April Jonesغا دۇئا قىلغان .

 ئىگىلىنشچە شۇ يەرلىك ساقچىلار April Jonesنى ئۆلدى دەپ قارىغان بولسىمۇ لېكىن كۆپ قىسىم ئامما ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچنى يوقاتماي بۇ ئوماق قىزنى داۋاملىق ئىزدەشنى تەلەپ قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博