خەۋەرگە قارىغاندا 40يىل بۇرۇن لىۋىلا نامرات ئوقۇغۇچى بولۇپ ئۇ بۇرۇنقى قىز دوستىغا ۋەدە قىلىپ ئىككىسى ئۈچۈن بىر UFO شەكىللىك ئۆي ياسايدىغانلىقىنى ئېيتقان ،لېكىن قىز دوستى ئۇنى نامرات كۆرۈپ تاشلاپ كەتكەن،بۇنىڭدىن ئۇ تولىمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن.
گەرچە ئۇ قىز دوستى بىلەن ئايرىلغىلى كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ لىۋىلا ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەدىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغان .ئۇ 2002 -يىلى بىر پارچە يەر سېتىۋىلىپ 10يىل سەرىپ قىلىپ بۇ ئىلمىي فانتازىيىلىك UFOئۆيىنى قۇرۇپ چىققان.
ئىگىلىنىشچە لىۋىلانىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى بۇنى كۆرگەندىن كېيىن قايتىدىن يارىشۋېلىشنى ئېيتقاندا لىۋىلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.