ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە 9-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەھۋال دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن ، بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر پەيدا بولغان .
ھازىر بىر ھەل قىلغۇچلۇق سەزگۈر مەزگىل بولۇپ ، بىر ئايغا قالمىغان ۋاقىتتىن كېيىن ، يەنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا چوڭ سايلىمى بېلەت تاشلاش كۈنى . ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىساد بولسا سايلام ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ قىززىق بولغان نۇقتا ، ئامېرىكىنىڭ 9-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى % 7.8 بولغان بولۇپ ، 8-ئايدىكىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن ، شۇنداقلا ئوباما 2009-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۈرغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن ، سايلام ئېلىپ بېرىلىشقا ئازلا قالغان مۇھىم پەيتتە ،بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئوبامانىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا نىسبەتەن ياردىمى ھەقىقەتەن چوڭ بولىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بۇ سانلىق مەلۇماتقا نىسبەتەن ھەرخىل گۇمانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، مەسىلەن ئەمگەك مىنىستىرلىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ تەخمىنەن 5 مىنۇتتىن كېيىن ھەممىباب ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان جېك.ۋېرىچ مىكرو بىلوگىدا سۆز قالدۇرۇپ بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا ئالدىراپ ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ، چىكاگولۇق بەزى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چىكاگو دېگىنى يوشۇرۇن ھالدا ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى باش شىتابى چىكاگونى كۆرسىتىدىكەن .
بۇنىڭدىن باشقا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى رومىنىمۇ ئەگەر خىزمىتىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىۋاتقان كىشىلەرنى قوشقاندا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ % 11 كە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار لىۋان گۈزىلى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيون...
ئەنگىلىيىدە بېشى ‹ئاستى-ئۈستى ئالمىشىپ قالغان قوي›پەيدا بو...
ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان:دەرىس ۋا...
‹قاتىللىق قۇرالى›AK47 مىلتىقى سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ دۇنيا...
ئەنگلىيەدىكى ئوغرى مۈشۈك خوشنىسىنىڭ كىيىملىرىنى ئوغرىلايد...