50 كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قانۇنسىز سېلىنغان 818 مىڭ كۋادىرات مېتىر قۇرۇلۇش چېقىۋېتىلدى

0 2012-10-08 11:35:03   news.iyaxin.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   50 كۈنگە سوزۇلغان ئۈرۈمچى <مەينەت، قالايمىغان، ناچار>نى تازىلاش خىزمىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆۋلىنىپ قالغان 37073 توننا ئەخلەت تازىلىۋېتىلدى شۇنداقلا قانۇنسىز سېلىنغان 818 مىڭ كۋادىرات مېتىر قۇرۇلۇش چېقىۋېتىلدى.

    بۈگۈنگىچە ئۈرۈمچىدىكى 7032 يەردىكى دۆۋلىنىپ قالغان 37073 توننا ئەخلەت تازىلىۋېتىلدى،قانۇنسىز سېلىنغان 818 مىڭ كۋادىرات مېتىر قۇرۇلۇش چېقىۋېتىلدى.ئېلان تاختىسىنى رەتلەش خىزمىتىدە، 11 مۇھىم قاتناش يولى ۋە 44 ئاساسى قاتناش يولىدىكى شەھەر مەنزىرىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان 826 ئېلان تاختىسى ۋە 4 ئېگىز تىك تۈۋرۈكلۈك ئېلان تاختىسى چېقىۋېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 24 ت شەكىللىك يول تۇتاشتۇرۇلدى ۋە100 پاتقاق كوچا ئوڭشىتىلدى.

   شەھەر قاتنىشىنىڭ <قىلدام تومۇر> ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىزمۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، قاتناش بارغانسېرى راۋانلىشىۋاتىدۇ. مۇھىت ۋە شارائىتنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش خىزمىتى ھەقىقەتەن خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان مەنپەئەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博