مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەھەر مۇھىتى، مەنزىرىسىنى ئۇنىۋېرسال ياخشىلاش خىزمىتىگە ئىشلىتىدىكەن.
ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 15-مايغىچە توققۇز رايوننىڭ يول بۆلەكلىرىدىكى گۈللۈكلەرنى يېشىللاشتۇرۇش، 1 - ئاۋغۇستقىچە كوچا، يول تاختىسى، كۆرسەتمە تاختىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن، 1-ئۆكتەبىرگىچە چەت، ئارقا كوچىلارنىڭ يول قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە تېجەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تالا ئېلانلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، يول بويلىرىدىكى كونا، قېلىپلاشمىغان مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىدىكەن، شەھەر ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى قايتا رېمونت قىلىپ يېڭىلايدىكەن.