20-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىدە BRT2 لىنىيەسى رەسمىي تۈردە يولغا قۇيۇلىدۇ.ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چىن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېز سۈرئەتلىك ئاپتوبوسقا مەخسىس ئىشلىتىدىغان يولنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى تۇقىرى كۆتۈرۈش، شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تېز سۈرئەتلىك ئاپتوبوس BRT2 لىنىيەسىنى رەسمىي قۇرۇۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاينىڭ ئاخىرى، ئۈرۈمچى BRT2 لىنىيەسىدە قاتناش رەسمىي باشلىنىدىكەن. BRT2 لىنىيەسى غەربىي باجياخۇدىن باشلىنىپ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، تېببىي ئۇنۋېرستىتى دوختۇرخانا يولى، دوستلۇق يولى، نۇر يولى، ئازادلىق جەنۇبىي شىمالى يولى، غالبىيەت يوللىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى بېكەت ئۈچتاشتا توختايدۇ.