‹‹كۈسەن سۆيگۈسى›› ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۈرۈمچىدە قويۇلدى

23 2011-10-26 10:46:21   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ھەمكارلاشقان، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹كۈسەن سۆيگۈسى›› ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر 2011–يىلى 15–، 16–ئۆكتەبىر كەچتە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. بۇ كېچىلىككە كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان . بۇ قېتىمقى كېچىلىككە كۈرەش رەجەپكە ئوخشاش ئاتاقلىق رېژىسسورلار رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، رېژىسسورلۇق، سەھنە دېكراتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ئارتىسلارنىڭ ماھارىتى، كىيىم–كېچەك قاتارلىقلاردا ئۆزگىچىلىك نامايان قىلىنغان . بۇ كېچىلىكتە قەدىمىي كۈسەن مەدەنىيىتى ھەمدە كۇچانى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساياھەتچىلىكىدە يېڭىچە بۆسۈش ھەم تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博