لايىقىنىڭ ئۆيىگەئوغرىلىققا كىر گەن يىگىت تۇتۇلدى
ئۇنىڭ ئائىلىسى باياشات،مۇۋاپىق خىزمىتى بولسىمۇ،يەنىلالايىقىنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىردى.ئۇتۇتۇلغاندا ساقچىلارغا:«مېنىڭ نەرسەئوغرىلىشىمدىكى مەقسەت ئاچچىقىمنى چىقىرش، بېسىمنى يېنىكلىتىش،كەيپىياتىمنى تەڭشەش»دېدى.مۇخبىر20-مار ئۈرۈمچى يۇقىرى،يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)لق ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ردزۋېدكاچوڭ ئەترىتىدىن بۇ دېلونىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقتى .فاڭ جيەن بۇلتۇر25-سېنتەبىر-دىن بۇيىل23-يانۋارغىچەشەھىرىمىزنىڭ «خېنەن يولى» دىكى مەلۇم بىر مەھەللىدەئىكى بىر ئۆيگەئۈچ قېتىم كىرىپ40 مىڭ يۈەن نەق پۇل،ئالتۇن زىبۇ-زىننەت،ئالىي دەرىجىلىك ھاراق-تاماكا،يانفون قاتارلىقلارنى ئوغرىلىغان،دېلوغاچېتىشلىق سومما130مىڭ يۈەندىن ئاشقان.ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋلىپلازىيانلانغۇچىنىڭ ئۆئيىنى تەكشۈرگەن،بۇ ئۆينىڭ قۇلۇپى ساق بولۇپ ،ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ كىرىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.ساقچىلار مۇشۇ ئەھۋالنى چۆرىدەپ زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئالاقە ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئون نەچچەئادەمنى تەكشۈرۈپ،زىيانلانغۇچىنىڭ قىزى شياۋشياۋنىڭ دېلو يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى فاڭ جيەن ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، فاڭجيەندە زيانلانغۇچىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان.ساقچىلار5-مارت كېچىدە «تيەنجىن يولى »دىكى بىر مەھەللىدىن جىنايەت گۇماندارى فاڭ جيەننى تۇتۇپ،ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئۇ ئوغرىلىغان بىر قىسىم نەرسىلەر ئەئولغا چۈشۈرگەن.ئۇنىڭ ئىقرار قىلىشچە،ئۇلايىقى شياۋ شياۋ دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ياسىتىۋېلىپ، ئۆيىدە ئادەم يوق ۋاقىتتا كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان.(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى) (جياڭ لەن)