يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتى پىراۋا ۋە ئاپتوموبل نومۇر تاختىسىغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە كىرىشكەن بولۇپ، بۇ خىزمەت 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ساختا ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېسىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئاساسلىقى كاردىن چىققان، قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل ھەمدە تىجارەت، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن، ساقچىلار بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلارغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ساختا نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرگە پىراۋىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇش، 20 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدىكەن.
ئامېرىكىدا راك كىسىلى گىرىپتار بولغان قىزىل يۇڭلۇق ئورانگو...
ھىندىستانلىق ئەر ئۆرمە چېچى بىلەن 40 توننىلىق پويىزنى 2.5 مىتى...
جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ياپۇنىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخ...
«ئاۋاتار»نىڭ كېيىنكى قىسمىغا جۇڭگولۇق ئارتىس قاتناشتۇرۇلۇ...
‹چوڭ مۆشۈكئېيىق › ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باش شىتابى ئالدىدا پەيد...