10-ئايدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئۇچۇش لىنىيىلىرىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 10 يۈەن ئاشۇرۇلىدىكەن

0 2012-09-29 11:18:10   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   مۇخبىرنىڭ ساياھەتچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىش تورىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۇلار ئاللىقاچان جەنۇپ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تارماق تىجارەت بۆلۈمىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى ئاشۇرۇش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرىۋاپتۇ ، 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۇچۇش لىنىيىلىرىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئەسلىدىكىدىن 10 يۈەن ئاشۇرىلىدىكەن .

    جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ، قۇرامىغا يەتكەن يولۇچىلارنىڭ 800 كىلومېتىرلىق ئۇچۇش لىنىيىسى ئىچىدىكى يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنىڭ ئەسلىدىكى 70 يۈەندىن 80 يۈەنگە كۆتۈرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۈرغان ؛ 800 كىلومېتىردىن كۆپ بولغان ئۇچۇش لىنىيىلىرىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئەسلىدىكى 130 يۈەندىن 140 يۈەنگە ئۆستۈرىلىدىكەن؛ بالىلارنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىگىمۇ ئوخشاشلا 10 يۈەن قوشۇلىدىكەن . قۇرامىغا يەتكەنلەر بېلەت باھاسىنىڭ % 10 ى بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان بوۋاقلاردىن بولسا يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدىكەن .

   ئىگىلىنىشچە ، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى دۆلەت ئىچى لىنىيەلىرىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى كۆپەيتىشى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە كىرسىنىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئۇنىۋىرسال سېتىلىش تەننەرخىنىڭ 250 يۈەنگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن . دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى بىلەن ئاۋىئاتسىيە كىرسىن باھاسى بىرلەشمە مېخانىزىمىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى دۆلەت ئىچى لىنىيەلىرىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى يىغىش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博