تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىت ياڭىقى يەنە ئىت ياڭىقى گۈلى، تاغ پىدىگىنى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ھەممىلا يېرى زەھەرلىك ئىكەن. مېۋىسى، ئۇرۇقى، ھەتتا يوپۇرمىقىنى يەپ قويسىمۇ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كىلىنكلىق ئالامەتلىرى ئاساسلىقى ئېغىز قۇرۇش، تېرە توق قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىش، بەزىدە يەنە قىزىل تاشما چىقىش؛ باش قىيىش، يۈرەك ھەددىدىن زىيادە رېتىمسىز سېلىش، تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئېغىر بولغانلىرى نەپەس قىسىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن.