مۇخبىرنىڭ 21-سىنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جېڭ گاڭغا پارىخورلۇق جىنايىتى تۇرغۇزۇلۇپ، بىرىنچى سوتتا مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
49 ياشلىق جېڭ گاڭ ئىلگىرى تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى ئارقا سەپ كاپالەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. بۇ يىل 3-ئىيۇل، جېڭ گاڭ پارىخورلۇق دېلوسىغا چېتىلىپ، ئەيىبلەش تارماقلىرى تەرىپىدىن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ 756 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئومۇمنىڭ مال-مۈلىكىنى ئىگىۋالغان دەپ ئەيىبلەنگەن، مەزكۈر دېلونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاشكارا سوتلىغان، سوتتا ئۇ پارىخورلۇق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىغانلىقىنى، ھەممىنى تەشكىلى پىرىنسىپ بويىچە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەيىبلىگۈڭ 2008-يىلى 6-ئايدا خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ، يۇقىرىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بىر قارا رەڭلىك ئاۋدى ماركىلىق پىكاپ ۋە توۋئارىگ ماركىلىق بىر قارامتۇل يىشىل پىكاپنى يۇقىرىغا تاپشۇرماي، باشقىلارنىڭ نامى بىلەن ئىدارىسىدىكى ئومۇمغا ئىشلىتىدىغان پۇلدىن 100 مىڭ يۈەننى مالىيە تارمىقىدىن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. جېڭ گاڭ ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ ماشىنىغا ئىككى يىل سۇغۇرتا سېتىۋالغان، رېمۇنت قىلىش قاتارلىق چىقىملار ئۈچۈن جەمئىي 92 مىڭ 249 يۈەن چىقىم قىلغان،باھالاش ئارقىلىق ئاۋدى ماركىلىق پىكاپنىڭ باھاسى 514 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. جېڭ گاڭنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان ئومۇمنىڭ مال-مۈلىكى قىممىتى 606 مىڭ 249 يۈەن بولغان. كېيىن، جېڭ گاڭ ئاۋدى ماركىلىق پىكاپنى 200 مىڭ يۈەنگە شىنجڭاىكى مەلۇم تېخنىكا شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋاڭغا سېتىپ بەرگەن.نۆۋەتتە ئىككى ماشىنا قايتۇرىۋېلىندى.
2009-يىلى 17-نويابىر، جېڭ گاڭ ۋەزىپە قولايلىقىدىن ، تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ، مالىيەگە تاپشۇرۇشقا تېگشلىك بولغان بىر قارا رەڭلىك «ئاۋدى» ماركىلىق پىكاپنى دەۋالاشقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىش نامى بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان ۋە ئۇنى دوستىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ تۇرغان. باھالاش ئارقىلىق بۇ ماشىنىنىڭ قىممىتىنىڭ 150 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن، نۆۋەتتە بۇ ماشىنا قايتۇرۋېلىنغان.
ئۈرۈڭ ۋەزىپە قولايلىقتىن پايدىلىنپ، ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن 664 مىڭ يۈەنلىك جامائەت مال - مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىق قىلمىشىدىن پارىخورلۇق جىنايىتىنى شەكىللىنىدۇ دەپ قاراپ ئۇنىڭغا بىرىنچى سوتتا مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلدى.جېڭ گاڭ ھۆكۈمگە قايىل بولمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا يۇقىرىغا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئالما مەھسۇلاتلىرى سىتىش دۇككىنىنىڭ خىزمەتچىسى يى...
توغراق تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 19-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىل...
ئامېرىكىدا راك كىسىلى گىرىپتار بولغان قىزىل يۇڭلۇق ئورانگو...
ھىندىستانلىق ئەر ئۆرمە چېچى بىلەن 40 توننىلىق پويىزنى 2.5 مىتى...
جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ياپۇنىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخ...