جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ئىنئام ئۆستۈرۈلدى

590 2012-04-19 10:46:38   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  لوس ئانجىلىس خەۋىرى:لوس ئانجىلىس شەھىرى يېقىندا 11-ئاپرىل سەھەردە ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خۇن دېلوسىدىكى قاتىلنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتقا يەنە 75 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قوشقان.بۇنىڭ بىلەن مەزكۈر مۇكاپات پۇلىنى جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتلىق ئۇنۋېرسىتېت ئوتتۇرغا قويغان 125 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇكاپاتقا قوشقاندا بۇ ئىنئامنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.
   ئىگىلىنىشىچە،ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدىكى سىن لېنتىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا مەزكۈر رايۇندىن جەمئىي 75 ئاپتۇموبىلنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بايقىغان.لوس ئانجىلىس ساقچى تەرەپ مانا مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسان رازۋېتكا ئېلىپ بېرۋاتىدۇ،ساقچى تەرەپ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشلەرنىڭ ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، 213-485- 4341 نومۇرلۇق قىزىق لېنىيىگە تېلېفۇن قىلىپ،دېلونى پاش قىلىشقا ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博