ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى 21ياشلىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى تاڭپېڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۆي ئىجارە ئېلىشنى باھانە قىلىپ ئۆي ئىگىسىگە باسقۇنچلىق قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەمدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن جىنايىتى ئىقرار قىلمىغان.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا پۇل بېرىپ ئاغزاكى ئىقرارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىشىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
«ئىئوۋا شەھىرى»نىڭ 14-چىسلادىكى خەۋىرى،تاڭپېڭ بۇ ھەپتە جونسون ناھىيسىدىكى سوت مەھكىمىسىدە سوتقا چىقمىغان،ۋاكالىتەن ئادوۋكاتى تاڭپڭېنىڭ شىكايەتنى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساقچىلارغا،3-ئاينىڭ29-كۈنى كەچ سائەت سەككىزلەردە،تاڭپېڭنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشنى بانا قىلىپ ئۆي كۆرگەنلىكى،ھەمدە ئۆينىڭ ئايال ئىگىسى ھۇجرا ئۆينى كۆرسىتىشكە باشلىغاندا تاڭپېڭنىڭ ئىشىكنى تاقاپ،ئۇنىڭ ئىككى قولىنى باغلاپ،لۆڭگىدە ئاغزىنى باسۇرۇپ،ئۇنىڭغا يانفونىنى تاقۇغۇزۇپ،ئۇنىڭغا زورلۇق بىلەن جىنسىي تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئېيىتقان.
دېيىشىچە،تاڭپېڭ بۇ ئايالغا تەھدىت سېلىپ«ئەڭ ياخشىسى گېپىمنى ئاڭلا،مەندە پىچاق بار»دەپ،يەنە تېخى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى رەسىمگە تارتقان،ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلسا ئۇنىڭ بۇ رەسىمىنى تورغا چىقىرىپ ئاشكارلىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ياردىمى ئاستىدا،ساقچىلار 24سائەت ئىچىدە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن،ھەمدە ئايالنىڭ ئۆيىدە كويزا،پىچاق،ئاياللارنىڭ لىبىرى،كاندون قېپى ھەمدە قۇلۇپنى ئاچىدىغان قوراللارنى تاپقان.
نۆۋەتتە،تاڭپېڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۇتقۇن قىلىش ھەم باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.ئەگەر جىنايىتى بېكىتىپلا قالسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۆمۈرۋايەت قامىلىپ كېتىدىكەن.تاڭپېڭ دۆلىتىگە قايتقۇزۇلۇپ جازا مۇددىتىنى ئۆتەيدىكەن.
ئىئوۋا ساقچى تارمىقىنىڭ جىنايەت ئەرز قىلىش مەكتۇپىدا،تاڭپېڭنىڭ ئاتا-ئانىسى تاڭ ئاتا( 57ياش ) بىلەن لى ئانا(49ياش)ئىشتىن كېيىن بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئىئوۋا ئىشتاتىغا يېتىپ كېلىپ،ئەرز قىلغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنى تېپىپ ئاغزاكى ئىقرارىنى ئۆزگەرتىشكە ھەق بېرىشكە ئۇرۇنغان،تاڭپېڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ گېپىنى زىيانكەشلىككە يەتكۈزگەندىن كېيىن،ساقچى تەرەپ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن بۇ ئاتا-ئانىنىمۇ قولغا ئالغان.
ئامېرىكىنىڭ قانۇنىدا،گۇۋاھچىغا ياكى زاسېداتېللىق ئۆمىكىگە پارا بېرىش جىنايەتكە بولغان شىكايەتنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىدۇ.