4-ئاينىڭ14-كۈنى،كانادا ھالىفاكس شەھىرى فوريوۋلون قەبرىستانلىقىدا،سىدتنىي.گۇبۋېننىڭ قەبرە بېشى ئالدىدا گۈللەر ھەم ئويۇنچۇقلار تىزىقلىق تۇراتتى.
كانادا ھالىفاكس شەھىرى ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز موزېيىدە بىر جۈپ خۇرۇم ئاياغ ساقلاقلىق،بۇ ئاياغ 100يىل ئىلگىرىكى تىتانىك ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەندە ھادىسىگە ئۇچرىغان بىر كىچىك بالىنىڭ ئايىغى.بىر ئەسىردىن بۇيان كىشلەر بۇ ئاياغنىڭ ئىگىسىنىڭ سالاھىيتىنى ئېنىقلىيالمىغان،شۇڭا ئۇنىڭ قەبرىسىنى قاتۇرغاندا «نامسىز بالا»دەپ يېزىپ قويغان.2007-يىلىغا كەلگەندە،كانادا پەن-تېخنىكا ئالىمى گېن سىناق قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ كىچىك بالىنىڭ ھايات كەچۈرمىشىنى يېشىپ چىققان--بۇ ھادىسىگە ئۇچرىغان ئوغۇل بالا ئەينى ۋاقىتتا 19ئايلىق بولغان بولۇپ،ئەنگلىيەلىك بولۇپ،ئىسمى سىدتنىي.گۇبۋېن،شۇنىڭدىن كېيىن كىشلەر ئۇنىڭ قەبرە تېشىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆرەلىگەن.