خۇ جىنتاۋ كىم جوڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

5152012-04-13 12:04:06   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   
   جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن كىم جوڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئۇنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 1-سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا يولداش كىم جوڭئۇننى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 1-سېكرېتارلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ھەمدە سەخشەن ئۆز نامىدىن سىزنى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
   جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان فاڭجېنى. بىز چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن بىرگە قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش، ياخشى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولدا تىرىشىشنى خالايمىز.
  سىزنىڭ ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ چاۋشيەن خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمىز.