جىڭجۇ شەھەر ئاھالىسى لى ئەپەندى رەستىدە بەش جىڭ ياڭاق سېتىۋېلىپ،ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ ياڭاقلارنى چاققاندا بەزى ياڭاقلارنىڭ ئىچىدىكىسى ياڭاق مېغىزى ئەمەس بەلكى سېمونت پارچىسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە سېتىقچىلار كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن قەغەز ياڭاقنىڭ شاكىلىنى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ياڭاق مېغىزىنى چىقىرىۋالغاندىن كىيىن شاكالنىڭ ئىچىگە سېمونت پارچىسى تىقىپ ساتىدىكەن،سىلكىگەندە سېمونت پارچىسىدىن ئاۋاز چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ساختىپەزلەر سېمونت پارچىسىنىڭ سىرتىنى قەغەز بىلەن ئوراپ قويىدىكەن.