دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى يەر ئېلىش سەۋەبىدىن چېقىلسا ئايرىم تولۇقلىما بېرىلىدۇ

4292012-04-11 11:39:42   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ‹‹يەر باشقۇرۇش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك بەزى نۇقتىلىق تۈزۈملەرنى لايىھەلەش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋېتىپتۇ. يەنى، يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدىكەن.

  زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا، ئالدى بىلەن يەر ئېلىش دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹تۇرالغۇ سېلىنغان دۆلەت يېرىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش چارىسى›› گە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا، جامائەت مەنپەئەتىنىڭ دائىرىسى بېكىتىلىدۇ. شۇنداقلا، تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، بىر قېتىمدىلا تۆلەم بېرىشتەك ئۇسۇل ئۆزگەرتىلىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يەر قالدۇرۇش، پايغا قوشۇۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ. يەرنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسى يېرى ئېلىنغان دېھقانلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ.

  يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۆيى چېقىلغان دېھقانلار مەسىلىسى قوشۇمچە نەرسىلەرنى تولۇقلاپ بېرىشتەك ئاددىي ئۇسۇلدىلا ھەل قىلىنماي، ئۇلارغا ئايرىم تۆلەم بېرىلىدۇ، قايتا ئۆيلۈك يەر تەقسىم قىلىنغانلار ئۆيگە قايتا باھا قويۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۆيلۈك يەر تەقسىم قىلىنمىغانلار شۇ جايدىكى شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراق سەۋىيەسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.