ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تۈركىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلىك ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇشتەك پايدىسىز تەسىر ئالدىدا جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزۈش ئۈستىدە پائال ئىزلىنىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكى ۋە ماسلىشىش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېقىندىن ماسلىشىپ، تۆمۈر يول، كۆۋرۈك قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئاساسىي مۇئەسسەسە تۈرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالاپ ھەم يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ قولاي شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە ، ئېلېكتىرون قاتارلىق يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى، ئۆزئارا مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتەك مۇھىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىشى كېرەك.
ئەردوئان ۋېن جياباۋنىڭ جۇڭگو تۈركىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى باھاسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپىنى پۈتۈنلەي قۇۋۋەتلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنچە ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوئان مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ تۈركىيەدە جۇڭگونى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويمايدۇ، مەن بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىمدە شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇ مەندە ياخشى تەسىر قالدۇردى، تۈركىيە شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ۋېن جياباۋ تۈركىيەنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغداش مەيدانىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تۈركىيەنىڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىككى تەرەپ سۇرىيە ۋە ئىران مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باش مىنىستىرلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى ۋېن جياباۋ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئەردوئان شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.