<<يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى مېنىڭ ماتېرىيالىمدا سېھىرلىك كۇب ئۇيۇشمىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىمنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ،ئىنتايىن قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قىسقىغىنە 30سېكۇنت ئىچىدە ئۇلار بۇراپ قالايمىقان قىلىۋەتكەن سېھىرلىك كۇبنى ئەسلىگە ئەكېلىپ ئىمتىھان ئالغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۇۋەتتىم.>>
سۆزلەۋاتقىنى نەنجىڭ چەتئەل تىللىرى مەكتىپى تولۇق 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ تيەنيۈ. ئۇ ئەمدىلا ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، كىشىلەرنىڭ ئويلاپ يىتەلمەيدىغىنى شۇكى، كىچىككىنە بىر سېھىرلىك كۇب ئۇنىڭ خارۋاردقا ئۆتىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. تەبىئىي پەن تەپەككۇرى ئىنتايىن ياخشى بولغان ليۇ تيەنيۈ ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ۋاقتىنىڭ ھەم تۇرمۇشىنىڭ ھەرخىل رىقابەتلەرگە تولغانلىقىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا ئانىسىغا بۇنداق رىقابىتىدىن ۋاز كېچىپ باشقا قىزىقىشلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. سېھىرلىك كۇب ئويناشتىن، ئىنگلىز تىلىدا رىياسەتچى بولۇشقىچە بولۇپ ليۇ تيەنيۈنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشى ئىنتايىن مول بولغان. ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان بولۇپ،SAT1ۋەSAT2دە تولۇق نومۇر ئالغان.ئۇ ئۆلۈكلا يادلىماستىن <<باغلاپ يادلاش>>نىڭ ئېپىنى تېپىۋالغان. يەنى ئىنگلىزچە ھېكايە ئوقۇش.
بۇ ئىنگلىز تىلى راۋان ئوقۇغۇچى بىر تال سېھىرلىك كۇبنى ئىشلىتىپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچىلىرىنى قايىل قىلدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ئۇ قارىغۇلارچە ئوينىمىغان. پائالىيەت جەريانىدا ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى تېخىمۇ ياخشى ھەم ئۈنۈملۈك بولغان. باشقا ۋاقتىنى ھەرخىل رىقابەتلەرگە سەرپ قىلغان باللارغا سېلىشتۇرغاندا<< ئويناشقا ئامراق>> ليۇ تيەنيۈ يەنە بىر قېتىم: <<بالىغا تەۋە ۋاقىتنى بالىغا قايتۇرۇپ بېرىش،ئۇلارمۇ ئويناپ نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. يەنە ساپا مائارىپى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن باللارغا ئويناشنى ئۆگىتىش كېرەك.>> دېگەننى ئىسپاتلىدى.