دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 31-مارت خەلق سارىيىدا قازاقىستان زۇڭلىسى كەرىم مەسىموف بىلەن كۆرۈشتى. شىن جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- قازاقىستان دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە زور تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ مۇناسىۋىتى قۇيۇقلىشىپ، سىياسەت جەھەتتىكى بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆز ئارا قوللاپ، خەلقئارا مەسلىلەردە زىچ ھەمكارلاشتى ۋە ماسلاشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى شۇنداقلا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.