باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەريا بويىدا ھاراق ئىچىپ بىرى سۇدا تۇنجۇقۇپ قالدى

3172012-04-05 11:31:26   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  يېقىندا شاڭجۇ رايونى بەي ياڭ ديەن بازىرىدىكى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 12ياشلىق ئوقۇغۇچى دوۋدوۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم )باشقا ئۈچ تەڭ ياشتىكى ساۋاقدىشى بىلەن تەنجياڭ دەرياسى بويىدا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان .نۆۋەتتە يەرلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان بولۇپ بۇ بالىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنىڭ تەپسىلاتىنى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە .
    تۆت كىشى پۇل يىغىش قىلىپ ھاراق سېتىۋېلىش
    ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى ئىككىنچى كۈنى دەريا بويىدا بايقالغان
   بەي ياڭ ديەن بازىرى يۈيۈەن كەنتى ئاھالىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە 3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇشۇ بازارلىق مەركىزى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان تۆت كىچك بالا يەنى دوۋدوۋ ،چۈنچۈن ،ماۋماۋ ۋە ياڭياڭ (ھەممىسى بىردەك ئۆزگەرتىلگەن ئىسىملار )كەنتتىكى بىر كىشنىڭ تويىغا قاتناشقاندىن كېيىن شۇ كۈنى دەل دوۋدوۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغان .شۇنىڭ بىلەن بۇ تۆت كىچىك بالا يېنىدىن پۇل يىغىش قىلىپ بىر بوتۇلكا ئاق ھاراق سېتىۋالغان ھەم دەريا بويىغا كېلىپ بىللە ھاراق ئىچكەن .ئىككىنچى كۈنى سەھەردە دوۋدوۋنىڭ جەسىتى بىر كەنت ئاھالىسى تەرىپىدىن كەنتكە ئانچە يىراق بولمىغان تەنجياڭ دەريا بويىدىكى بىر سۇ كۆلچىكىدىن بايقالغان .
 ئىگىلىنىشىچە شۇ ۋاقىتتا بىر كەنتتىكى ئايال ئەخلەت تۆككىلى بېرىپ دوۋدوۋنىڭ جەسىتىنى بايقىغان بولۇپ بۇ ئايال قايتىپ كېلىپ كەنتتىكىلەرگە خەۋەر قىلغان .شۇنىڭ بىلەن كەنتتىكىلەر 120جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان .ساقچىخانىدىكى ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ بۇ بالىنىڭ بەدىنىدە يارا ئىزىنىڭ يوقلىقىنى ،كۆلچەك يېنىدا قۇسۇقنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بۇ بالىنىڭ دەريادا تۇنجۇقۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغان .
 تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا شۇ كۈنى كەچتە دوۋدوۋنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەنتنى ئىزلىگەن بولسىمۇ بىراق ئوغلىنى تاپالمىغان .كەنتتىكى بۇ ئىشنى بىلىدىغان بىر كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن قالغان ئۈچ كىچىك بالا ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتمىغان .بۇ ئىشقا قارىتا كەنت رەھبەرلىرى تەكشۈرۈپ قالغان ئۈچ بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا 10مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشىنى ئېيتقان .ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى يەرلىككە قويۇلغان .
   ئاتا-ئانىسى دائىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش
   بۇ بالىغا ئادەتتە مومىسى قارايدىكەن
   يۈيۈەن كەنتى توققۇزىنچى ئەترەتتىكى بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە دوۋدوۋنىڭ ئاتا-ئانىسى بەكمۇ جاپاكەش بولۇپ دائىم سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن .ئادەتتە بۇ بالىغا 60ياشتىن ئاشقان مومىسى قارايدىغان بولۇپ دوۋدوۋنىڭ ھاممىسىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دوۋدوۋنىڭ ئاتا-ئانىسى ئازاپلىنىپ كارۋاتتىن چۈشمىگەن .
    زىيارەت جەريانىدا شاڭلو شەھىرىدىكى ئۇزۇن مەزگىل ئانا-بالىلارنىڭ مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان بىر مۇتەخەسسىسنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە شاڭلو شەھىرى تاغلىققا جايلاشقان بولغاچقا ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن ،نۇرغۇنلىغان كەنتتىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى دائىم سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدىغان بولۇپ ئۆيلىرىدە ياشانغان موماي -بوۋايلار بالىلارغا قارايدىكەن .نۆۋەتتە بۇ كەنتتىكى بالىلار ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج ئىكەن .
    يەرلىكتىكى بىر ئادۋوكاتنىڭ كۆرسىتىشىچە ھەريىلى بۇنداق كىچىك سەرگەردان بالىلارنىڭ سۇدا ئۆلۈپ قېلىش ،يارىلىنىپ ئۆلۈش ،ئالداپ سېتىۋېتىش قاتارلىق مەسىللىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساخاۋەت ئورۇنلىرىدىن باشقا يەنە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ بەلگىلىك مەسئولىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش لازىم