2011-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2012-يىلنىڭ بېشىدا نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك ئىمتىھانلارنىڭ سوئال ۋە جاۋابلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتتى، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاسپىرانتىلىق ئىمتىھانىدا كۆز بويامچىلىق قىلغان ئاساسلىق جىنايەتچى قولغا ئېلىندى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ۋە ئالاقىدار تارماقلار قايتا ئىمتىھان ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك دېدى.
2012-يىلى مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتىلىق ئىمتىھانىنىڭ ئېنگىلىس تىلى ئىمتىھانى ئېلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر تورداش ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى qq توپىدا ئېنگىلىس تىلى تاللاش سوئالىنىڭ جاۋابى ۋە ماقالە تېمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مائارىپ تارماقلىرى ئۇقتۇرغان دېلو يىپ ئۇچىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، نۆۋەتتە ئاساسلىق جىنايەتچى گۇماندارى قولغا چۈشتى.
16-مارت مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن قايتا ئىمتىھان ئېلىپ، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلىشنى شۇنداقلا ئوقۇش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشنى، چارە كۆرۈش خاتىرىسىنى سەمىمىيلىك ئارخىپى ۋە كادىرلار ئىشلىرى ئارخىپىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز. كۆزبويامچىلىق قىلىش شايكىسى ئىچىدە مائارىپ سىستېمىسى خادىملىرى بولسا بىردەك قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
نۇرغۇن تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەسىلىنى ئاشكارا بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، ئەمما بۇ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، بىر تورداش مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، يەنە ئارىلىقتا قانچىلىق بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلقىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، يەنە بىر تورداش: ئاسپىرانتىلىق ئىمتىھانىنىڭ ئادىللىق مەسىلىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، مەسىلىنى تۈپتىن ئەمەس يۈزەكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىمتىھان سوئالىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ خالاس دېدى.
نۇرغۇن تورداشلار مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ئاچقۇچلۇق مەسىلە ــ بىر تەرەپتىن دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە قايتا سوئال چىقىرىپ، قايتا ئىمتىھان ئېلىشنىڭ كونكرېت تەپسىلاتىنى كۈچەيتىش، يەنە بىر جەھەتتىن ئاشكارا بولۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاسپىرانت قوبۇل قىلغۇچى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قايتا ئىمتىھان ئېلىشنى كۈچەيتىش ئەھۋالىنى ۋاقىتدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.
ئەمەلىيەتتە ئاسپىرانتلىق ئىمتىھاندىن باشقا يەنە بوغالتىرلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى، دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېنگىلىس تىلى تۆتىنچى، ئالتىنچى دەرىجىلىكلەر ئىمتىھانى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئىمتىھانلاردا بىرقانچە قېتىم سوئال ئاشكارىلىنىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلدى.
ئالايلۇق 2011-يىلى 12-ئايدىكى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېنگىلىس تىلى تۆتىنچى، ئالتىنچى دەرىجىلىكلەر ئىمتىھانىدا ئىمتىھان باشلىنىشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىمتىھان بەرگۈچى سوئال جاۋابىنى توردا بايقىغان، بۇ ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىس تىلى تۆتىنچى، ئالتىنچى دەرىجىلىكلەر ئىمتىھان سوئالىنىڭ ئۇدا ئالتە يىل 12-قېتىم ئاشكارىلىنىپ قېلىشى.
2011-يىلى 9-ئايدا «كۆپچىلىك مۇنبىرى»دا بىر تورداش دۆلەتلىك بوغالتىرلىق ئىمتىھان سوئالىمنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئىقتىسادىي تەپتىش پەنلىرى ئىمتىھانىنىڭ قىسمەن سوئال جاۋابلىرىنى چىقارغان، ھەقىقەتەن بۇ تورداش 17-مارت توردا ئېلان قىلغان مەزمۇنلار شۇ كۈنى ئېلىنغان ئىمتىھان سوئاللىرى ۋە جاۋابى بىلەن ئىنتايىن ئوخشايتتى.