26 - مارت چۈشتىن بۇرۇن، چاڭجۇدا تۇنجى قېتىم بۇ خىل «哈哈» خەتلىك يۈز يۈەنلىك قەغەر پۇل بايقالغان. بەشىنچى قېتىم بېسىلغان بۇ يۈز يۈەنلىك قەغەز پۇل بىر قاراشتا باشقا يۈز يۈەنلىك قەغەز پۇللاردىن پەرقسىز كۆرۈنىدۇ، ئەمما يالتىراق نۇرلۇق پۇل تەكشۈرگۈچ نۇرى ئاستىدا «100» خېتىنڭ يېنىدا تۇتۇق ھالەتتىكى «哈哈 » خېتى كۆرۈلگەن.
مۇخبىر «哈哈» خەتلىك يۈز يۈەن پۇلنىڭ ئىگىسىنى زىيارەت قىلغان. چاڭجۇ لىخۇادا تۇرىدىغان ياڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بەشىنچى قېتىم بېسىلغان بۇ يۈز يۈەنلىك پۇلنى ئۇ ساقلاۋاتقىلى ئۈچ يىل بولغان. 2008- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئۇ شەھەردىكى مەلۇم بىر بانكىغا بېرىپ ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرىدىغانغا 5000 يۈەن پۇل ئالغان، بانكىدىمۇ بەزىدە ساختا پۇللار پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ، ئۇ بىر دۇكانغا بېرىپ، قەغەز پۇل تەكشۈرگۈچ سېتىۋېلىپ، بىر-بىرلەپ پۇلنى تەكشۈرگەن، مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ 0799 نومۇرلۇق پۇلغا كەلگەندە، «100» خېتىنىڭ يېنىدا تۇتۇق ھالەتتىكى «哈哈» خېتىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان ھەمدە بۇ پۇلنى ساقلاپ قويغان. يېقىندا، چاڭجۇدا بۇنى باھالاپ بېكىتىدىغانلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئالاھىدە بۇ يۈز يۈەنلىك پۇلنى ئېلىپ چاڭجۇغا ئېلىپ كەلگەن.
جياڭسۇ ئۆلكىلىكى مەدەنىي يادىكارلىقلارنى يىغىپ ساقلىغۇچىلار جەمئىيىتى مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق كەسىپ ئەھلىلىرى بۇ پۇلنىڭ شۈبھىسىز راست پۇل ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن، ئەمما بۇ پۇلغا نىمە ئۈچۈن «哈哈» خېتى ئىزى چۈشۈپ قالغانلىقىغا ھەيران قالغان. ئۇلار، ئادەتتە خاتا بېسىلىپ قېلىشتا، سۇ باسما تەتۈر بولۇپ قالىدىغان، نەقش تولۇق بېسىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك ئىدى. بۇ خىل پۇل تەكشۈرگۈچنىڭ يالتىراق نۇرىدا «哈哈» خېتى كۆرۈنىدىغان ھالەتتە بېسىلغان پۇل ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ، شۇڭا ساقلاش قىممىتى يەنىلا يۇقىرى، بۇنى ياخشىراق ساقلاش قويۇش كېرەك دىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جياڭسۇ بانكىسىدىكى پۇلنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىشقا مەسئۇل خادىم يۈەن گوخۇامۇ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ بۇ پۇلنى جىڭ پۇل دەپ بېكىتكەن.