جۇڭگو-تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى ئۇيۇشتۇرىدىغان بولدى

1022011-12-13 11:59:12   جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئابدۇللا گۈل 12-دېكابىر ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى ھەم «2012-يىللىق تۈركىيە-جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى» يىغىنىنىڭ ئەنقەرەدە ئېچىلغانلىقىنى ئۆز ئارا خەت يېزىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

   رەئىس خۇجىنتاۋ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە خەلقىنىڭ دوسىتلۇقى ئۇزاق تارىخققا ئىگە. دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىك ئۇچقاندەك راۋاجلاندى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز زورايدى. جۇڭگو-تۈركىيە ئىستىرادىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ياراتتى. جۇڭگو مەدەنىيەت يىلىدا مول مەزمۇنلۇق شەكىللەر ۋە مەزمونلار ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىگە جۇڭگونىڭ ئۇزۇن تارىخى، پارلاق مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ، جۇڭگو خەلقىمۇ تۈركىيە مەدەنىيەت يىلىغا يۈكسەك دېققەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىشنى چىڭىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوسىتلۇقى ئۈچۈن پائال رول ئوينىغۇسى.

  ئابدۇللا گۈلنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوسىتلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تىز راۋاجلانماقتا. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتى زور يوشۇرۇن كۈچگە ئىگە. تۈركىيە جۇڭگو ئىستىرادىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى رامكىسى ئاسىتىدا بۇ يۇشۇرۇن كۈچتىن ياخشى پايدىلىنىش- تۈركىيەنىڭ ئالدىن تاللاش نىشانى. جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى ۋە تۈركىيە مەدەنىيەت يىلىنىڭ ئارقا ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسىياتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقى شۈبھىسىز.

  جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت يىلى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق 2012-يىلى تۈركىيەدە جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى، 2013-يىلى جۇڭگودا تۈركىيە مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.