شىنجىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت 26- ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «شىنجىنچە سۈپەت يارىتىش ھەرىكىتىگە ئالاقىدار پىلان»دا ئۇتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 5يىل ئىچىدە ئۆيى يوق نوپۇس تەۋەلىكىدە ئۆيى يوق ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. «پىلان»دا «6 ھەرىكەتنى قوللىنىپ» «شىنجىنچە سۈپەت»يارىتىش ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «جەمئىيەت تەرەققىيات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى»دە كۆرسىتىلگەن شىنجىن شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋەزىيىتى باش بولۇپ، «2015- يىلىغىچە، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆيدىن 240 مىڭ يۈرۈش سېلىشنى پىلانلاپ، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ئومۇمى مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %44 كە يەتكۈزۈپ، نوپۇس تەۋەلىكىدە ئۆيى يوقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىدىن بەھرىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «پىلان»دا يەنە تۇرالغۇ ئۆي گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى ۋە نوپۇسقا ئورنىتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇس تەۋەلىكىدىكى نوپۇسلارنىڭ نىسبىتىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش، پىلانلىق تۇغۇت ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2015- يىلىغىچە، نوپۇس تەۋەلىكىدىكى نوپۇس 4 مىليونغا يېتىدۇ.
«پىلان»دا يەنە ‹ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى›دە پەن تېخنىكىغا يەنىمۇ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 5 يىل ئىچىدە %60 كە يېتىدۇ دېيىلگەن؛ ‹ شەھەر ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى›دە 5 يىل ئىچىدە يەرنى ئوڭلاپ تەييارلاش كۆلىمىنى 150 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ‹ئېكولوگىيىلىك تەرەققىيات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرىكىتى›دە ‹2015 يىلى ھاۋانىڭ سۈپىتى ئەلا بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى 360 كۈندىن ئاشۇرۇش› ئوتتۇرىغا قويۇلغان.