جۇڭگو پاراخوت خادىملىرىنىڭ مىكوڭ دەرياسىدا ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەنزىسى پاش بولدى

02011-10-31 11:01:45   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىنفېڭ 28-چىسلا ،مىكوڭ دەرياسىدا جۇڭگولۇق پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش دىلوسنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پاش بولغانلىقىنى،9نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

   جاڭ شىنفېڭ شۇكشنى چۈشتىن كېيىن تايلاند تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش نازارەتچىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن سۆزلەپ، ‹‹بۈگۈن بۇئەنزىدە مۇھىم ئىلگىرلەش بولدى،9نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇتۇلىشى بۇ ئەنزىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پاش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ››دېدى،ئەمما ئۇ بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارلىمىدى.

   جاڭ شىنفېڭ سۆزلەپ،بۇ ئەنزىنىڭ ناھايىتى تىزلا ئەدلىيە تەرتىپىگە كىزگۈزىلىدىغانلىقىنى،دىلونى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ كونكىرت ئەھۋاللارنىڭ بايقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋاملىق  تايلاند تەرەپكە ماسلىشىدىغانلىقىنى،جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ بىر نەپەر مۇتەخەسسىسنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا  قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   جاڭ شىنفېڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ،تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ساقچى تەرەپنىڭ بۇ دىلوغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى،ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگو- تايلاند دوستلۇقىنى چىقىش قىلغان ئاساستا بۇ دىلونى ياخشى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى  ئېيتتى.ئۇ سۆزلەپ،تايلاند تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دىلونى بىۋاستە تەكشۈرۈشكە قاتناشتى،ساقچى تەرەپ باش نازارەتچىسى بىلەن ئىككى نەپەر مۇئاۋىن نازارەتچىسىنىڭ شەخسەن قوماندانلىق قىلىشى بىلەن بۇ دىلونى رازۋىتكا قىلىش سۈرئىتى بىلەن سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى دېدى.

    10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىككى يۈك بېسىلغان پاراخوت مىكوڭ دەرياسى دىلتىسىدا سالاھىيىتى نامەلۇم بولغان قوراللىق خادىملارنىڭ  ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ 13نەپەر جۇڭگو پاراخوت خادىمى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.23-چىسلا كەچتە،جاڭ شىنفېڭ ئۆزى جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ۋەكىللىرىنى باشلاپ باڭكوكقا يېتىپ بارغان .ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر جەمئىي 8نەپەر بولۇپ ،ج خ مىنىستىرلىكى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا ئىدارىسى،زەھەر چەكلەش ئىدارىسى،يۈننەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى، ئىسپات تەھقىقلەش مەركىزى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.