ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاسىيا ياۋروپا قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن سىچۈەننىڭ چېڭدۇدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاڭ دېجياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا ياۋروپا قاتناش تىرانسپورت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ئاسىيا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئاسىيا ياۋروپا قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سەھنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قېلىپى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاسىيا ياۋروپانىڭ يېشىل بىخەتەرلىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ياۋروپانىڭ قاتناش تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يىغىن مەزگىلىدە، جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشقان ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرى قاتناش مىنىستىرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، ئالاقىدار كېلىشىملەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.