مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنىدا تۈنۈگۈن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىسى، كەسپى كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە قىلىپ داۋالاش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىسى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىسى قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يەنە گوۋۇيۈەن قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىپ سۇنغان « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار (لايىھە) » ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى. بۈگۈن، 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر بازارلاردىكى كاپالەت خاراكتېرىدىكى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىدۇ.
كەسپى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ داۋالاش قانۇنى
بېكىتىلمىگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى
بىمارلار ياردەم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
كەسپى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ داۋالاش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھىسى تۈنۈگۈن 2-قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەنىڭ پىكرى ئىلىنغاندىن كىيىن، لايىھىدە، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشكە ئامال بولمىغان كەسپى كېسەل بىمارلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە داۋالاش ياردىمى ۋە تۇرمۇش ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى.
قانۇن كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەسپى كېسەللىكلەرنى مەنبەدىن ئالدىنى ئىلىش ۋە نازارەت قىلىپ كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، لايىھىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بەلگىلىمىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ كەسپى تازىلىق ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كەسپى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپى كېسەللىكلەرنىڭ زىيىنىنى مەنبەدىن كونترول قىلىش ۋە يوقىتىش لازىملىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى قوشۇش تەكلىپى بېرىلدى.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ ئورۇندىكى كەسپى كېسەللىكلەردىن مۇداپىئە قىلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپى كېسەللەردىن مۇداپىئە قىلىش ۋە داۋالاش ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىگىلىۋالماسلىق، يۆتكەپ ئىشلەتمەسلىك، ھەم مەبلەغ سېلىنمىسى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتتە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە چۈشەندۈرۈشىدە، ئاز ساندىكى كەسپى كېسەل بىمارلىرىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس ياكى بېكىتىشكە ئامال بولمايدۇ، بۇ بىمارلارنىڭ كەسپى كېسىلىنى داۋالاشنى لايىھىگە كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەس بولغاچقا، باشقا ھەل قىلىش چارىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئەمما قاراپ چىقىش جەريانىدا، بەزىبىر دائىمىي ھەيئەتلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس كەسپى كېسەللەرنى داۋالاش فوندى تەسىس قىلىپ، بۇ قىسىم كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
" بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا ئەھۋال ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئاساسلىق قىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق داۋالىنىش ۋە تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. قانۇن كومىتېتىدىكى ئالاقىدار كىشىلەر مۇنداق دېدى، لايىھىگە " ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولمىغان ياكى بېكىتىشكە ئامال بولمايدىغان كەسپى كېسەل بىمارلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا داۋالاش قۇتقۇزۇشى ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ " دېگەن بەلگىلىمىنى قوشۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز دېدى.
تېررورلۇق پائالىيىتىنىڭ چېگرىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئايرىلىدۇ.
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۈەننىڭ مۇنداق دېدى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇندا تېررورلۇق پائالىيىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتى، تېررورچى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغاچقا، تېررورلۇق پائالىيىتىگە زەربە بېرىش ۋە تېررورلۇققا چېتىلىدىغان مەبلەغنى كونترول قىلىشقا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزدى، تېررورلۇققا قارشى خەلقئارالىق ھەمكارلىققىمۇ تەسىر يەتكۈزدى.
شۇڭلاشقا، لايىھىدە تېررورلۇق پائالىيىتى ۋە تەشكىلاتى ھەم تېررورچىلارغا ئېنىق تەدبىر بېرىلدى. تېررورلۇق ھەرىكىتى بولسا جەمئىيەتنى ساراسىمىگە سېلىپ، دۆلەت ئورگانلىرى ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىشنى مەقسەت قىلغان، زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا ۋاستىلار بىلەن، كىشىلەرنىڭ يارىلىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى، زور بولغان مال - مۈلۈك زىيىنىنى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى شۇنى مۇددىئا قىلغان جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. قۇتراتقۇلۇق، مەبلەغ ياردىمى ياكى باشقا ئۇسۇلار بىلەن يۇقىرىقى پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىشقا ياردەم بېرىشمۇ، تېررورلۇق پائالىيىتىگە تەۋە بولىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسا تېررورلۇق پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن جىنايەتچىلەر شايكىسىنى كۆرسىتىدۇ. تېررورچى بولسا تېررورلۇق پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ۋە ئىلىپ بارغان شەخس ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى كۆرسىتىدۇ.
تېررورچىلارنىڭ ئىسىملىكى بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنىدۇ.
ياڭ خۈەننىڭ مۇنداق دېدى. دۇنيادىكى تېررورلۇق ۋەزىپىسى نىسبەتەن ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى، تېررورچىلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش ۋە ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى تۇرغۇزغان. دۆلىتىمىزدىمۇ تېررورلۇق پائالىيىتىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە كۆرۈش ۋە زەربە بېرىش ئۈچۈن، تېررورلۇققا چېتىلىدىغان مەبلەغنى نازارەت قىلىش ۋە توڭلىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەدلىيىلىك تەرتىپتىن سىرت، يەنە قانۇن ھوقۇق بەرگەن ئورگانلارنىڭ ئالاقىدار تىزىملىكنى بېكىتىپ ئاشكارىلاپ بېرىشى زۆرۈر.
شۇڭلاشقا، دۆلىتىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، لايىھىدە، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئاپراتى تېررورلۇق تەشكىلى، تېررورچىلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ، ج خ مىنىستىرلىقى ئاشكارىلايدۇ دەپ بەلگىلەندى.
تېررورلۇققا چېتىلىدىغان مەبلەغمۇ ماس قەدەمدە توڭلىتىلىدۇ.
تېررورلۇققا چېتىلىدىغان مەبلەغنى نازارەت قىلىپ كونترول قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە قارىتا، لايىھىدە، گوۋۇيۈەن ج خ مىنىستىرلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلىغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېررورلۇققا چېتىلىدىغان تەشكىلاتلار ۋە تېررورچىلارنىڭ مەبلىغىنى ياكى مال - مۈلكىنى توڭلىتىشى لازىم دەپ بەلگىلەندى.
ئۇنىڭدىن سىرت، پۇل - مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاھىدە بېكىتىلگەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەن ج خ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارغا چېتىلىدىغان مەبلەغ ياكى باشقا مال - مۈلۈكلەرنى بايقىغاندا، دەرھال توڭلىتىشى، ھەم بەلگىلىمىگە ئاساسەن گوۋۇيۈەن ج خ تارماقلىرى، دۆلەتلىك بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە گوۋۇيۈەن پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تىزدىن مەلۇم قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەندى.
تەۋەلىكىدە زور ھادىسە يۈز بەرسە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى رەھبەر " دەرستىن چۈشىدۇ ".
لايىھىگە، " ئالاقىدار تارماقلاردىن ئۆزى خالىغانچە قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسى تارقاتقانلارغا، مەزكۇر تارماققا بىۋاسىتە مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىگە قارىتا، مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار قانۇن بويىچە گۇناھ يېزىش ھەتتا قوغلاش جازاسى بېرىدۇ دەپ بەلگىلىمە قوشۇلدى.
ناھىيىدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ داۋالاش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلماي، تەۋەلىكىدە زور كەسپى كېسەللىك ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا قارىتا، لايىھىدە، بىۋاسىتە مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم ۋە باشقا مەسئۇل كىشىگە قانۇن بويىچە گۇناھ يېزىش ھەتتا قوغلاش جازاسى بېرىلىدۇ، جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلىمە قوشۇلدى.