فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ھېندىستان دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىقى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىۋالىدىغان بولۇپ،خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىدىغان ئىككى شىركەتنىڭ بىرى فىرانسىيە داسۇ شىركىتى،يەنە بىرى ياۋرۇپا قىتئەسى ئۇرۇش ئايرۇپىلان بىرلەشمە شىركىتى ئىكەن،ئۇلار كېلەر ھەپتە خېرىدارلىق چېكىنى ئىلان قىلىدىكەن.فىرانسىيە داسۇ گۇرۇھى 126 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىشنى پىلانلىغان بولۇپ،بۇ ئايرۇپىلانلار ئىچىدە يەنە تېخى ھېچقانداق دۆلەت سېتىۋالالمىغان قارا قۇيۇن جەڭگىۋار ئايرۇپىلانىمۇ بار ئىكەن.بۇ كەلگۈسىدە مەزكۈر شىركەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ زاكاس تالۇنى ھېسابلىنىدۇ.
ئالاقىدار زاتلارنىڭ ئاشكارلىشىچە،داسۇ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى خېرىدارلىق چېكىنى ئىلان قىلىدىكەن،بۇ زات مۇنداق دېدى:ھېندىستان ئېھتىمال بىر كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى مۇمكىن،ئەمما ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ قويغان باھاسى ناھايتى يېقىن بولسا ئۇنداقتا نەچچە ئايغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن.
فىرانسىيەنىڭ قارا قۇيۇن ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ تەيفىڭ بورىنى ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھەممىسى 4-ئايدىكى توختامغا كىرگۈزۈلگەن.بۇ ئىككى شىركەت ئامېرىكىنىڭ بوئىن شىركىتى ۋە لوكىش دېمادىن شىركىتى،شىۋىتسىيەنىڭ سابو شىركىتى ۋە روسىيەنىڭ مىگ 35 شىركەتلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلدى.
ياۋرۇپا قىتئەسى ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنىڭ ياساش سودىگىرى ياۋرۇپا قىتئەسى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن بوشلۇق شىركىتىنىڭ بىرلىشىشىدىكى شىركەت بۇلۇپ،ئۇ گىرمانىيە،ئىسپانىيە،ئەنگىلىيە ئاۋىئاتسىيە ئالەم سېستېما شىركىتى ۋە ئىتالىيە كانكا گۇرۇھىدىن تەشكىللەنگەن.
بۇ توختامدا 2012-يىلىدىن بۇرۇن ھېندىستانغا بېۋاستە ھالدا 18 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىپ بېرىدۇ شۇنداقلا ھېندىستاندا يەنە 108 ئايرۇپىلان ياسايدۇ-دەپ بەلگىلەنگەن.
ھېندىستان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىشلار لازىمەتلىكلىرىنى ئېمپورت قىلىش دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2007-يىلى بۇ خېرىدار چاقىرىش تۈرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،كېيىنكى يىلدىن باشلاپ خېرىدار بولۇش شىركەتلىرىنى تاللاشقا باشلىغان.
ئۇرۇش ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىش يېڭى دېھلىنىڭ ھەربىي ئىشلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ موھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ،ئاساسلىقى جۇڭگو ۋە پاكىستان قاتارلىق ئىككى رەقىبىگە تاقابىل تۇرۇپ،چىگرا بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.مۆلچەرچە،يېڭى دېھلى 2016-يىلىدىن بۇرۇن ئومۇمىي قىممىتى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ئىشلار توختامى ئىمزالايدۇ.