كىملىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى

02011-10-31 11:36:08   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 29-ئۆكتەبىر 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23-سانلىق يىغىنىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارى» ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ قارارنى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى 51-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى.
   بۇ قارار 2012-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ يولغا قويىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىك قانۇنى»غا مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، يېڭىباشتىن ئېلان قىلىندى.
   تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى كىملىك قانۇنىدىكى كىملىكنى تىزىملاش تۈرىدە بارماق ئىزى كۆپەيتىلدى  شۇنداقلا  «ئاھالىلەر كىملىك ئىلتىماس قىلغان، كىملىكنى ئالماشتۇرغان، تولۇقلاپ ئالغاندا، بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى تىزىملىتىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەندى.
   ئاھالىلارنىڭ بارماق ئىزى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى كىملىك قانۇنىدا «ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئاھالىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، ھەمدە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تاپاۋەت قىلغان بولسا، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن بولسا، ھەق-تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەندى.
    تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى كىملىك قانۇنىدا يەنە بىرىنچى ئەۋلاد كىملىك 2013-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلىدۇ، 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن 2-ئەۋلاد كىملىكىنى ئالغانلار ئۈنۈملۈك ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئەسلى كىملىكىنىڭ توختىتىلىش ۋە ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى گوېۇيۇەن بەلگىلەيدۇ،-دەپ بەلگىلەندى.