ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاياللار دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئامېرىكىلىق تېببىي مۇتەخەسسىسلەر: ئاياللارنىڭ چارچىشى، ئاساسەن مۇنداق يەتتە نۇقتىدىن بولىدۇ، ئۇلار ئۇدا بىر ھەپتىگىچە ھارغىنلىق ھېس قىلسا، دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
. 1. قان ئازلىقتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. قان ئاز بولسا، قان قىزىل ئاقسىلى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. قان قىزىل ئاقسىلى ئۆپكىگە يەتكۈزۈلگەن ئوكسىگېننى بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بەدەندىكى توقۇلمىلاردا ئوكسېگىن يېتەرلىك بولمىسا ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.
2. يۈرەك فۇنكسىيەسى ياخشى بولماسلىقتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئاياللار ئۆي تازىلىغان، گۈللەرنى رەتلىگەن ياكى ئۇدا ئىشلىگەندىن كېيىن چارچىغانلىقىنى ھېس قىلسا، يۈرەك كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
3. قەھۋەنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. بەزى ئاياللار ئۆزىنى روھلاندۇرۇش ئۈچۈن قەھۋە، كولا ئىچىدۇ. لېكىن ئاياللار قەھۋەنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا ئەكىسچە تەسىر كۆرۈلۈپ، چارچاش ۋە مۈگدەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
4. يېمەكلىك سەۋەبىدىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئادەم يېمەكلىكتىن سېزىمچانلىقى ئېشىپ كەتسە، ئۇيقۇ باسىدۇ، ھارغىنلىق ھېس قىلىش يېمەكلىكتىن سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىدۇر. شۇڭا سېزىمچانلىقنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.
5. خورەك تارتىشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئاياللار ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدۇ، خورەك تارتقاندا ئۇيقۇنىڭ دەۋرىيلىكى بۇزۇلۇپ، كىشى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.
6. سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ياللۇغلىنىشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ياللۇغلانغاندا كۆيۈش سېزىمى ياكى سۈيدۈك قىستاش كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ.
7. قالقانسىمان بەزنىڭ فۇنكسىيەسى ئاجىزلاشتىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئادەمدە ئېزىلىپ قىلىش، روھىي كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش كۆرۈلسە، بۇ قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. ئامېرىكا قالقانسىمان بەز فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، 60 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ %20 ى قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىش سەۋەبلىك ھارغىنلىق ھېس قىلىدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ