مىجەز خاراكتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى كېسەللىكلەر

0 2011-08-23 15:19:50   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    غېرىبلىق قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، 50 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار تەنھالىق ھېس قىلسا، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ مۇناسىپ ئاشىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دوست تۇتۇش ۋە ئىناق ئائىلىنىڭ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.
      ھاياجانلىنىش ئاسانلا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. فىنلاندىيە كەسپىي ساغلاملىق ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار 400 كىشىنى تەتقىقات ئوبېيكتى قىلىپ، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا 24 ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
      زىيادە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا 5.7 ياش ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمى ئاز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورگانىزملىرىدىكى كېسەل ئۆزگىرىشى  ئاستا، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى ئاز بولىدىكەن.
      ئوچۇق - يورۇق كىشىلەر ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات جەريانىدا شۇنى بايقىدىكى، ئوچۇق - يورۇق كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن %15 تۆۋەن بولىدىكەن. كېسەللىكلەر ئاسان يۇقۇملىنىپ قالمايدىكەن. كېسەل بولغاندىن كېيىن ساقىيىشىمۇ تېز بولىدىكەن. ئەمما بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن.
      بىتاقەتلىك قاندىكى ياغ تەركىبىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىتاقەتلىك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۈچ ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق بولۇش سېزىمچانلىق گورمونى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېگىزلىكتىن قورقۇش قاتارلىق بىتاقەتلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
      قايغۇ - ھەسرەت بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتى. قايغۇرۇپلا يۈرىدىغان كىشىلەر ئاسانلا راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.
      ئۈمىدسىز كىشىلەر ئاسانلا پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق مىجەز ئەزەلدىن سالامەتلىككە پايدىسىز دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۈمىدۋار كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %19 يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بۇنداق كىشىلەر كېيىنچە ئاسانلا پاركىنسون كېسىلىگە كىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر