ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «ئەقلىي ياردەم» بەردى

02011-08-16 12:26:06   خەلق گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 شىنجاڭنىڭ كانچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، رايونلارنىڭ كان شەكىللىنىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشتا، سىجىل تەرەققىياتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر...يېقىندا، 2011-يىللىق «ئاكادېمىكلار شىنجاڭدا» تېمىسىدىكى پەن-تېخنىكا پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ 26 نەپەر ئاكادېمىكى ۋە نەچچە 10 نەپەر مۇتەخەسسىس ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئاقسۇ، ئالىتاي، قاراماي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسەتتى.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2006-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، «ئاكادېمىكلار شىنجاڭدا» تېمىسىدىكى پەن-تېخنىكا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاكادېمىكلارنى شىنجاڭغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، تەدبىر مەسلىھەتچىلىكى، تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرغانىدى. 5 يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 500گە يېقىن ئاكادېمىك ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئاتاقلىق مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭغا كېلىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئۇلار ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئاكادېمىيە بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.