يېقىندا رۇسىيە مەمۇرىيىتى رۇسىيە سودا سانائەت مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو، كورېيە، برازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق تۆت دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنىدىغان داتلاشماس پولات مەھسۇلاتلىرىدىن بەش يىلغىچە تۆكمە قىلىپ سېتىش بېجى ئېلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قوشۇلدى.
رۇسىيە سودا سانائەت مىنىستىرلىقى تۆكمە قىلىپ سېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن،2010- يىلى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى جۇڭگو شەنسى ئۆلكىسىنىڭ تەيگاڭ داتلاشماس پولات مەھسۇلاتلىرى شىركىتىگە نىسبىتەن %29.9تۆكمە قىلىپ سېتىش بېجى ئېلىش، جۇڭگونىڭ باشقا كارخانىلىرىغا نىسبەتەن %39.1تۆكمە قىلىپ سېتىش بېجىنى يولغا قويۇشنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، باشقا ئېكسپورت سودىگەرلىرى ياكى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىگە نىسبەتەن يولغا قويۇلىدىغان باج نىسبىتىنىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بەلگىلىدى. يەنى كورىيەدىكى بىر قىسىم شىركەتلەر %62.8،برازىلىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى %21.1، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى %33.3 تۆكمە قىلىپ سېتىش بېجى تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى.
رۇسىيەدىكى ئالاھىدە پولات ۋە قېتىشما مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ۋە مۇشۇ خىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر جەمئىيىتى مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتىكى يېڭى بازار مۇھىتى ياۋروپا ئەللىرى، ئامېرىكا، ھىندىستان، تايلاند ۋە ياپونىيەدىكى داتلاشماس پولات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق.
ھەمبەھىرلىنىڭ