شىنخۇا ئاگېنتلىقى،موسكۋا،27-مارت تېلىگىراممىسى:
رۇسىيە RT تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسى تۈنۈگۈن مۇنداق خەۋەر بەردى:ساقچىلار پېنېرا رايونىدا ئالتە ئايالنى ئۆلتۈرگەن قاتىل ئالىكسانىر بۇچكوۋنى تۇتتى،ئېيتىلىشىچە،ئۇ ئۆلتۈرگەن ئادەم تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:24 ياشلىق بۇچكوۋ لايىقىغا ئۆزىنى تونۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن قاتىللىق قىلغانمىش.ئۇنىڭ ئىقرارىغا قارىغاندا،ئۇ ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ جەسىتىنى پارچىلايدىكەن،ئاندىن جىگىرىنى خام پېتى يەيدىكەن.