روسىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پۇتىن ئاخبارات كاتىپى پېسكوۋ يېقىندا پۇتىننىڭ يېڭى ئاخبارات ئاپپاراتى بىلەن زۇڭتۇڭغا بىۋاستە قاراشىلىق خاس مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى قۇرۇش خىيالى يوق دېدى .شۇنىڭدىن سەل بۇرۇن رۇسىيەدىكى <مۇستەقىل گېزىتى>مۇنداق خەۋەر بەرگەمىدى :دۆلەتتە نامايىشچىلار دولقۇنى كۈچەيگەچكە قانۇن تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن ،ھۆكىمەت زۇڭتۇڭغا بىۋاستە قاراشلىق دىكتاتور ئاپپاراتى قۇرۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ .
پېسكوۋ يەنە مۇنداق دېدى :<بىز قوراللىق كۈچلەربىلەن قانۇن -تۈزۈم ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىزغا ئۇزاق بولدى ،ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ،پەقەت زۇڭتۇڭغىلا بويسۇنىدىغان خاس مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى بىلەن يېڭى ئاخبارات ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئائىت خەۋەرلەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس >.