پۇتىن قىزىنىڭ كىچىك ۋاقتى
پۇتىن قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىللە
كورىيە ‹‹مەركىزى كۈندىلىك گېزىتى›› نىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ‹‹پۇتىننىڭ كورىيەلىك كۈيئوغلى›› ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، يەنە بىر قېتىم ئىتېرنېتتە كورىيە خەلق ئاممىسىنىڭ قىزىق مۇنازىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى . بۇ CBSرادىئوسىنىڭ توردىكى خەۋىرىدىن كەلگەن . 20-ئاپرېل ، توردا ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹چوڭ سايلامدا غەلبە قىلغان رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن كېلەر ئايدا ئۇنىڭ كورىيەلىك كۈيئوغلىنى كۈتىۋالىدۇ›› ، ‹‹يىن جۈنيۇئەن (28 ياش) ئۇزۇنغا قالماي پۇتىننىڭ كىچىك قىزى بىلەن توي قىلىدۇ ›› .
خەۋەردە يەنە توي كۈنىنىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى پۇتىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قىلىپ بىكىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان
بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كورىيە پاي چېك بازىرىدا تەبىئى گازغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پاي چېكىنىڭ باھاسىدا ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن . STEELنىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن %11.7 ئۆسكەن .
لىكىن بۇنىڭغا قارىتا ، يىن جۈنيۇئەننىڭ دادىسى ، سابىق دېڭىز ئارمىيىسى ئەمەلدارى يىن جوڭجىئۇ ئىنكار ئىپادە بىلدۈردى . ئۇ مۇنداق دېدى : ‹‹نەدە مەن ئاتا بولغان ئادەممۇ ئەھۋالنى بىلمەيدىغان توي بولىدىكەن ؟››. خەۋەر قىلىنىشىچە ، CBSمۇ بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن ئەھۋالدا توردىن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرنى ئۆچۈرىۋەتكەن .
شۇ كۈنى بۇ توي توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭغا ئالاقىدار تەرەپتىكى جۈنيۈئەن ‹‹چاۋشىيەنTV›› نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى : ‹‹توي قىلىش توغرىسىدىكى بۇ پاراڭنىڭ ئاساسى يوق ، گەرچە مەن پۇتىن نا بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقىنىمغا 10نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ، بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى توي ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقاتقاندىن كېيىن ، بىز كۆرۈشۈپ باقمىدۇق. ھازىرمۇ ئاندا- مۇندا ئالاقىلىشىمىز ›› . ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى : ‹‹بۇ قېتىم چەتئەلدىن قايتىپ كېلىشىممۇ خەۋەرلەردە دېيىلگەندەك توي تەييارلىقى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ، پەقەتلا شىركەت مۇلازىمىتى ئۈچۈن ›› . ئىگىلىنىشىچە ، يىن جۈنيۇئەن رۇسىيە لۇك نىفىت شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن .
2010-يىلى كورىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى خەۋەر تارقىتىپ ، پۇتىننىڭ كىچىك قىزى كورىيەلىك يىن جۈنيۇئەنگە ياتلىق بولماقچى دېگەن . ئەينى ۋاقىتتىكى رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىننىڭ خەۋەر باياناتچىسى بۇ خەۋەرگە قارىتا ئىنكار ئىپادە بىلدۈرگەن .