
ئەنگلىيىدىكى « كۈندىلىك گېزىتى » 13 - ئاپرېل ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كادىف ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېلىشا جونسون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جىگەر، ئۆپكە، يۈرەك ۋە بۆرەك كۈچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، ئەنگلىيىدىكى تۆت ئەزانى بىرلا قېتىمدا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان تۇنجى ئايال بولۇپ قالدى. بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ئېلىشا تۇغۇلۇپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن غەرب ئەللىرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان تالا خالتىلىشىش كېسىلىگ گىرىپتار بولغانىكەن. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۆپكىسى ئاستا- ئاستا كاردىن چىقىپ، بەدىنى ياغ ۋە ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق مادىلارنى نورمال قوبۇل قىلالمايدىكەن. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئادەتتە 13 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەن، بىراق ئېلىشتا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن كېسەلگە قارشى كۈرەش قىلىپ ھازىرغىچە ياشىغان.
1996 - يىلى جىگىرى ئېغىر دەرىجىدە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان، 1997 - يىلى تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن ئەھۋالدىمۇ ئۆپكە ۋە بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئېلىشتا ئۆزىنىڭ ساغلام يۈرىكىنى بىر كونا ئەسكەرگ تەقدىم قىلغان.
ئېلىشا تۆت قېتىملىق ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى داۋامىدا ئاتىسىنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال جىگىرىنى بەرگەنلىكىنى زادىلا ئۇنتالمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاتامنىڭ جىگىرى ھاياتىمنى قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، ماڭا ھاياتتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى بەردى. مەن كۆچۈرۈلگەن بۇ ئەزالىرىمنىڭ قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەي، ئەمما كەلگۈسىمدىن ئەنسىرىمەيمەن، چۈنكى مەن ھازىرقى كۈنلىرىمى خۇشال ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك.