ئاساسىي تېما : دادا ۋە بالائاۋاتلىقى:99ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 309
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 335 نوقتا
پۇل : 3350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4239(سائەت)

 دادا ۋە بالا

    1989 - يىلى ئامرىكىنىڭ لوس ئانژېلىس ئەتراپىدىكى جايلاردا قاتتىق يەر تەۋرەپ، تۆت مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 300مىڭ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرايدۇ.  
    قالايمىقانچىلىق ۋە خارابىلىك ئىچىدە، بىر ياش دادا يارىلانغان ئايالىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، يەتتە ياشلىق ئوغلى ئوقۇيدىغان مەكتەپكە قاراپ چاپىدۇ. بالىلارنىڭ شاد-خۇراملىق كۈلكىسىگە تولغان ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى ھەش-پەش دىگۈچە خىش-ياغاچ ۋە سۇنغان پۇلات چىۋىقلار بىلەن تولغان بىر پارچە خارابىلىككە ئايلىنىپ بولغانىدى. 
    دادىنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، "ئاماندا، ئوغلۇم!" دەپ قاتتىق توۋلىغىنىچە يەرگە تىزلىنىپ بىر ھازا يىغلايدۇ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئىسىگە ئوغلى ئېيتقان "مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرمىسۇن، مەن ھامان سەن بىلەن بىللە" دىگەن بىر جۈملە سۈزى كىلىدۇ، ئۇ قەتئىلىك بىلەن قەددىنى رۇستلاپ خارابىيلىككە قاراپ ماڭىدۇ. 
    ئۇ ھەر كۈنى ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيىدىغان بولغاچقا، ئوغلىنىڭ سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋەت سول تەرەپ بۇلۇڭىدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇ ئۇچقاندەك ئېتىلىپ بېرىپ خارابىلىكنى كولاشقا باشلايدۇ. ` 
    ئۇ خارابىلىكنى كولاۋاتقاندا، بەزى ئاتا-ئانىلار ئالدىراپ يىتىپ كىلىدۇ ھەمدە خارابىلىكنى كۆرۈپ "ۋاي!" ، "ۋاي قىزىم!" دەپ ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىشىدۇ، ئاندىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا بۇ جايدىن كىتىپ قالىدۇ. بەزىلەر بۇ دادىنىڭ يېنىغا كىلىپ: "بەك كېچىكتۇق، ئۇلار ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى" ، "بۇنداق قىلغىنىڭىزنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، قايتىپ كىتىڭ!"، "ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ، رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىڭ" دىيىشىدۇ. 
    ياش دادا بۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرگە تىكىلىپ تۇرۇپ: "سىلەر ماڭا ياردەم بىرىش ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟" دەپ سورايدۇ. ھېچكىم جاۋاپ بەرمىگەندىن كىيىن ئۇ يەنە باش چۈكۈرۈپ خارابىيلىكنى كولاشقا باشلايدۇ.  
    قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۇنى توسۇپ: "بەك خەتەرلىك، ھەر ۋاقىت پارتلاش يۈز بىرىشى مۇمكىن، بۇ جايدىن دەرھال كىتىڭ!" دەيدۇ. 
    بۇ دادا ئۇنىڭدىنمۇ ئوخشاشلا بىر سۇئالنى سورايدۇ: " سىز ماڭا ياردەم بىرىش ئۈچۈن كەلدىڭىزمۇ؟" 
    ئارىدىن بىر ساقچى يىتىپ كىلىپ ئۇنىڭغا: "سىز ناھايىتى ئازاپلىنىۋاتىسىز، ئادەم بۇنداق چاغدا ھەقىقەتەن ئازاپلىنىدۇ، بىراق بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزگە خەۋپ يىتىپلا قالماي باشقىلار ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك، دەرھال ئۆيىڭىزگە قايتىپ كىتىڭ" دەيدۇ. 
    « سىز ماڭا ياردەم بىرىش ئۈچۈن كەلدىڭىزمۇ؟ »
كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەپسۇسلانغان ھالدا كىتىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇ دادىنى بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن نىرۋىسىدىن ئادىشىپتۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشقان ئىدى. 
    ئەمما بۇ دادىنىڭ كۆڭلىدە "ئوغلۇم مىنى ساقلاۋاتىدۇ" دىگەن بىرلا ئوي بار ئىدى. 


    ئۇ داۋاملىق كولاۋىرىدۇ، ئارىدىن سەككىز سائەت ئۆتىدۇ، 12 سائەت ئۆتىدۇ، 24 سائەت، 36 سائەت ئۆتىدۇ، ھېچكىم قايتا كىلىپ ئۇنى توسمايدۇ. 
    توپتوغرا 38 سائەت ئۆتكەندە، ئۇ تۇيۇقسىز يەر ئاستىدىن بالىسىنىڭ: "دادا بۇ سىزمۇ؟" دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ، شۇ، ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى!" دادا قاتتىق ۋارقىرايدۇ: "ئاماندا، مىنىڭ ئوغلۇم!" , 

    "دادا بۇ راستىنلا سىزمۇ؟" 
    "ھەئە مەن، سىنىڭ داداڭ ئوغلۇم!" 
    "مەن ساۋاقداشلىرىمغا قورقماسلىقنى ئېيتقان، ئۇلارغا <پەقەت دادام ھايات بولسىلا چوقۇم كىلىپ مىنى قۇتقۇزىدۇ، يەنە كۆپچىلىكنىمۇ قۇتقۇزىدۇ> دىگەنىدىم. چۈنكى، سىز ماڭا مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرسۇن، ھامان مەن بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقان." 
    " سەن ھازىر قانداقراق؟ يەنە ھايات قالغان قانچە ساۋاقدىشىڭ بار؟" 
    "بۇ يەردە 14 بالا بار، ھەممىمىز ھايات، ھەممىمىز سىنىپنىڭ بۇلۇڭىدا، سىنىپنىڭ تۇرىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، چوڭ ئۈچبۇلۇڭلۇق جاي ھاسىل بولۇپ قالغاچقا بىز ھايات قالدۇق. بىزنىڭ قۇرسىقىمىز بەك ئېچىپ كەتتى، ھەم بەك ئۇسساپ كەتتۇق، بەك قورقتۇق، ئەمدى ياخشى بولدى." 
    دادا تۆت ئەراپىغا قاراپ: "تىز كىلىڭلار، بۇ يەردە 14 بالا بار ئىكەن، ھەممىسى ھايات ئىكەن!" دەپ ۋارقىرايدۇ. 

    بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر نەچچە ئادەم دەرھال يىتىپ كىلىپ ياردەملىشىدۇ. 
    50 مىنۇتتىن كىيىن بىر بىخەتەر چىقىش ئېغىزى ئېچىلىدۇ. دادا تىترىگەن ھالدا: "ئاماندا، تىز چىققىن ئوغلۇم!" دەيدۇ. 
    "ياق دادا، ئاۋۋال باشقا ساۋاقداشلىرىم چىقىۋالسۇن! سىز يىنىمدا بولسىڭىزلا مەن قورقمايمەن. مەن بىلىمەن، مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن، سىز ھامان مەن بىلەن بىللە بولىسىز. 


    بۇ بىر جۈپ قالتىس دادا-بالا غايەت زور بالا-قازادىن كىيىن، تەسۋىرلىگۈسىز بەخت ئىلكىدە قۇچاقلىشىدۇ!

شىنجاڭ مائارىپى 2009- يىللىق 4- سان

Posted: 2009-04-13 18:49 | [پۈتۈكچى]
باس باس مۇنبىرى >> ئەدەبىي تەرجىمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation