ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى
2009-04-15 11:34:23  يازغۇچى:ئەقىدە  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى  كۆرۈش سانى:  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

  

   پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلوق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر تۈنۈگۈن  چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ئىنقىلابى قەھرىمانلار قەۋرىستانلىقىغا كېلىپ، ھەر مىللەت ئارمىيە - خەلق بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ۋاڭ لىچۈەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكىلوگىيىسى ئىنتايىن ئاجىز، شۇڭا پىلانلىق، ئىلمىي بولغان، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش پائالىيىتى قەتئىيى بوشاشمايقانات يايدۇرۇپ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بەخت يارتىش كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لاردا ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ پاتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە بېڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نې ۋىيگو، ياڭ گاڭ، جۇ جىنلىن، تيەن شۇسى، خەن يوڭ، نۇرلان ئابىلمەنجىن، سۇڭ ئەيروڭ، جۇ خەيلۈن، كۈرەش مەخسۈت، ئەركىنجان تۇراخۇن قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كىلىپ، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر، مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچى - ئۇقۇغۇچىلار، ئورگان كادىرلىرىدىن بولۇپ، 200 دىن كۆپرەك كىشى بىلەن بىرگە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىياز پەسىللىك مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتى رەسىمىي باشلاندى.

  ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر قوللىرىغا گۈرجەك ئېلىپ يېنىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ماسلىشىپ، كۆچەت تىكتى. بىر مەھەللىك جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق كىچىك يوپۇرماقلىق ئاق سانا دەرىخى، قارىغاي كۆچەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ماكانىغا ئورۇنلاشتى.

  ۋاڭ لېچۈەن كۆپچىلىككە مۇنداق دىدى: " يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن كۆچەت تىكىپ بەرپا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى بىر مىليون مودىن ئىككى مىليون موغا قەدەر يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېۋىلىك كۆچەت ئومۇمىي كۆلىمىي 14 مىليون 500 مىڭ مودىن ئاشتى. پەقەت تارىم ئويمانلىقى بويلىرىغىلا 12 مىليون مو كۆلەمدە كۆچەت تىكىلدى، ياغان ماتىرياللىرىدىن پايدىلىنىشىتىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم كۆرۈلدى. ئىلگىرى بىزنىڭ ياغاچ ماتىرىياللىرىمىز ئاساسلىق تەڭرىتېغى ۋە ئالتاي تېغىدىكى تەبئىي ئورمانلاردىن كېلەتتى. 8 يىل ئىلگىرى بىز تەبئىي ئورمانلارنى كىسىشنى توختاتتۇق. ھازىر ھەر يىلى 3 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق ياغاچ ماتىرىياللىرىنىڭ ھەممىسى سۇنئىي ئورمانلاردىكى ياغاچ ماتىرىياللاردىن تەمىنلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزىنى ئاساسەن قامداۋاتىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئىلگىرىكى %1.62 تىن %2.94 كە كۆتۈرۈلۈپ ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرنەرلىك بولدى.

  ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:" ئاپتونوم رايونىمىز سۇ بايلىقى كەمچىل رايونلارنىڭ بىرى. شۇڭا پىلانلىق، ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇنئىي ئورمان بەرپا قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇنداق دىگەنلىك ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تېكىش، كۆپ تىكىش دىگەنلىك ئەمەس، پىلانلىق، ئىلمىي كۆچەت تىكىش كېرەك. ھازىر قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ناھايىتى نۇرغۇن، بولۇپمۇ تەبئىي ئورمانلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەبئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ".

  تۈنۈگۈن  2 مىڭدىن ئارتۇق ھەرمىللەت كادىر ئاممسى ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى رايونلاردا مەجبۇرىيەت كۆچىتىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. 2 مىڭ مودىن ئارتۇق قاقاسلىق ياپيېشىل تۈسكە كىردى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەجبۇرىيەت كۆچىىتى تىكىشنى يولغا قويغان 26 يىلدىن بۇيان، 153 مىليون ئادەم قېتىم كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىپ، 1مىليارد 699 مىليون تۈپ كۆچەت تىككەن. 4 - ئاينىڭ  5ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇنئىي بەرپا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 1 مىليون 969 مىڭ موغا، تىكىلگەن كۆچەت 43 مىليون تۈپكە يەتكەن.


 


ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2009/0415/article_4592.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى
ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پا...
مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولۇم تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائالىيىتى باشلاندى
مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولۇم تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش ئۆم...
ئېلىمىز ‹‹شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى›› ناملىق يول باشلىغۇچى سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى
ئېلىمىز ‹‹شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى›› ناملىق يول باشلىغۇچى س...
برازىلىيىدىكى « ۋۇدالاڭ » پۇتبول كوماندىسى دىققەتنى قوزغىدى
برازىلىيىدىكى « ۋۇدالاڭ » پۇتبول كوماندىسى دىققەتنى قوزغ...
ئوبامانىڭ ئىنىسى ئەنگلىيىگە كىرەلمىدى
ئوبامانىڭ ئىنىسى ئەنگلىيىگە كىرەلمىدى
پولشانىڭ غەربىي شىمالىدىكى بومورىي رايونىنىڭ كامەن شەھىرىدىكى بىر مېھمانخاندا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
پولشانىڭ غەربىي شىمالىدىكى بومورىي رايونىنىڭ كامەن شەھى...
شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى قازاقىستاندا ئويۇن قويدى
شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى قازاقىستاندا ئويۇن قويدى
لى كېچياڭ  كورىيە سىئول ئالاھىدە شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋۇ شىشۈن بىلەن كۆرۈشتى
لى كېچياڭ كورىيە سىئول ئالاھىدە شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋۇ شىش...
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • ئەڭ ياخشى دورا سۇ
  • چاي ئىچىشتىكى 12 ساۋات
  • 20 تەدبىر (سېمىزلار ئۈچۈن)
  • يىگەنسىرى ئورۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر
  • ئەرلەر زەنجىۋىلدىن ئاياللار شىكەردىن ...
  • كۆزنىڭ يۇرۇقلۇقتىن قېچىشى
  • كۆزنىڭ يۇرۇقلۇقتىن قېچىشى
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • دورىنى زەھەرگە ئايلاندۇردىغان 14 خىل ي ...
  • ئەتىياز پەسلىدە تۆۋەندىكى تۆت خىل مېۋ ...
  • جىنسى يول ياللۇغى يۇقامدۇ؟
  • ئەرلەردىكى يىل يەڭگۈشلەش دەۋرى
  •  
    مەھەللە ئۇچۇرلىرى
        دەردى بالا
        مەشۇق لىرىكىسى
        تاتار خەلق جىرلىرى . « بالامىسكىن »
        تاتار خەلق جىرلىرى . « بالامىسكىن »
        ئۇيغۇردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى
        چىن دوستلۇققا نائىل بولۇش
        كەچۈرگىن مەن سىنى ئۇنۇتالمىدىم
        جىرلار
        تاتار خەلق جىرلىرى
        ئوغرىنىڭ مۇھەببىتى
    ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
    تور ئۇيۇنلىرى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ