باش بەت  Uyghurche  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • Adsense ئىلتىماسىم نىمىشقا تەستىقلانمايدۇ؟ - [Adsense بىلىملىرى]

    2008-05-27

    يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن تورداشلار خەت يېزىپ Adsense ئىلتىماسىنىڭ ئىزچىل تەستىقلانمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ۋە سەۋەبىنى سوراشتى. بۈگۈن بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.
    بىز نورمال ئەھۋالدا ئىلتىماسنى 24 سائەت ئىچىدە تەستىقلايمىز، ئەگەر دەم ئېلىش ياكى بايرام كۈنلىرى بولۇپ قالسا ئىش كۈنىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىككى ئىش كۈنى ئۆتۈپمۇ تەستىقلانمىسا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ بىرى:
    1. سىز ئېلخەتتە تەستىقلىمىغان.
    بىز سىز ئىلتىماس ئەۋەتكەندىن كېيىن دەرھال Email ئارقىلىق سىزگە بىر پارچە ئىلتىماس قىلغانلىقنى تەستىقلاش خېتى ئەۋەتىمىز، خەتتە ئۇزۇن بىر ئۇلىنىش بار، سىز شۇ ئۇلىنىشنى چېكىش ۋە مۇۋاپىق مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئىلتىماس ئەۋەتكەنلىكىڭىزنى تەستىقلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئىلتىماس ئەۋەتىپ تېخى ئېلخەتنى ئېچىپ تەستىق خېتىنى چەكمىگەن بولسىڭىز بۇ قەدەمنى بېسىڭ. سىز تەستىق خېتىدىكى ئۇلىنىشنى چەككەندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە ئاندىن سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز تەستىقلىنىدۇ.
    2. سىز خەنزۇچە ئۇچۇر تولدۇرغان، ئەمما دۆلەت تاللايدىغان ئورۇندا جۇڭگونى تاللىمىغان.
    ئەگەر سىز بىزگە ئەۋەتكەن ئىلتىماستا خەنزۇچە ئۇچۇر تولدۇرۇپ، دۆلەت تاللاش رامكىسىغا دىققەت قىلماي باشقا دۆلەتنى تاللاپ قويغان بولسىڭىز، ئىلتىماسىڭىز سىز تاللىغان دۆلەتتىكى Adsense ئەترىتىگە كېتىدۇ، ھەم ئۇلار سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى چۈشەنمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمايدۇ ياكى جۇڭگو ئەترىتىگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقت كېتىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەۋەب بولسا بىر مەزگىل ساقلاڭ.
    3. ئىلگىرى سىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان.
    سىز ئىلگىرى Adsense كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھەم ھىساباتىڭىز توختىغان، شۇڭلاشقا بۇ قېتىمقى ھىسابات ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمايدۇ. بىز يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھىساباتى توختاپ كەتكەندىن كېيىن باشقا كىشىلەرنىڭ نامىدا تىزىملاتماقچى بولغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇنداق ئىلتىماسلار ھەم تەستىقلانمايدۇ. بىز بايقىيالايمىز.
    ئىلگىرى Adsense كىلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھىساباتى توختاپ كەتكەن تورداشلارنىڭ قايتا ئىلتىماس قىلىپ، Adsense پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئۈمىدىدە بولماسلىقىنى ئۇقتۇرىمىز. بىز مەڭگۈ تەستىقلىمايمىز.
    بۇ ئۇچۇرلار بۈگۈن Adsense بۆلۈمىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىنىدى.
    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز تەستىقلىنىشى ئۈچۈن يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ ھىچقايسىسى بولمىسا تور بېكىتىڭىز Adsense كىلىشىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن تەستىقلانمىغان تورداشلار ئۆزىنىڭ تور بېتىنى Adsense كىلشىمىدىكى مەزمۇنلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇۇپ قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
    ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
    تەكلىماكان بلوگ سىزنىڭ تور بېتىڭىزنىڭ Adsense ئىلتىماس قىلالىشى ئۈچۈن ھەرقانداق زۆرۈر بولغان ياردەملەرنى قىلىدۇ. ھەم يول كۆرسىتىدۇ. ئەمما تورداشلارنىڭ Adsense ئىلتىماس قىلىپ بېرەرمىكىن دەپ خاتا ئارزۇدا بولماسلىقىنى ئۈمد قىلىمىز. بىز ئۇنداق قىلىپ بەرمەيمىز ھەم قىلالمايمىز. Adsense ھىساباتىنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ.
    ئىلتىماس قىلىشتا يولۇققان ھەرقانداق مەسلىنى تەكلىماكان بلوگدا ئىنكاس يېزىپ ئوتتۇرغا قويساڭلار بولىدۇ. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىزگە ياردەم قىلىشىمىز ھەم ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىشىڭىز ئۈچۈن يول كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئىشلار يەنىلا Adsense كىلشىمى دائىرسى ئىچىدە بولىدۇ.





    评论

  • ئەستاغپۇرۇللا! بايام ئېلانغا تىزىملىتىپ بولسام مانا بىردەمدىلا ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ! تەستىقلانمىدى، 我们的专家发现它不
    符合我们的计划标准。 ئاساسلىق سەۋەبى مۇشۇلاكەن. باشقا بىرەر سەۋەبمۇ دىمەپتۇ! ئەمدى قانداق قىلسام بولار؟ نىمانداق يوغانچى بۇ خەقلەر؟ 11 پارچە ماقالە يېزىپ بولغانىدىم دېسە
    بىر يول كورسەتسەڭلارچۇ!
  • قانداق ئىلان codi نى قويسام مۇشۇنداق چىقىۋېلىپ باردۇ مىنىڭچە بۇ ئىلان codi توغرا ئەمەس

    كۇرۇپ بېقىڭ.....
  • مىنىڭ ئىلگىرى ئالغان google نىڭ ئىلانى ھازىر قويسام ئۇلانمايدىغان بۇلۇپ قالدى بۇنىڭ سەۋەبىنى تاپالمىدىم، ھىساۋاتىمدىكى پۇل بار ئەممە ئىلان ئېچىلمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىللىرى بولسا تەمىنلىسىڭىز........
  • ھېسابات توختاپ كىتىشتىن بۇرۇن قانداق ئۇچۇرلار كىلىدۇ؟ ماڭا بىر نەچچە ئۇچۇر كەپتىكەن. سىزنىڭ ئېلانىڭىز ئۆنۈمسىز چىكىلدى،.... دىگەندەك.
    teklimakan回复جۇشقۇن说:
    ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى كېلىدۇ. دىققەت قىلىش ھەققىدە، ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇش خېتى كەلگەندىن كېيىنمۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشنى توختاتمىسىڭىز ھىساب توختاپ كېتىدۇ.
    2008-05-28 15:05:55
  • مەن ھەر نىمە بولسا ئىلگىرى ئېلىۋاپتىكەنمەن .

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我