باش بەت  Uyghurche  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • بلوگ ۋە شاھمات - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    2008-05-29

    بۈگۈن نادىشا كابرال بىزگە نىمە ئۈچۈن بلوگىرلار شاھمات تاختىسىدىكى پىشكىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ قىزىقارلىق ئوخشىتىشلار  بلوگ يازغۇچىلار ئۈچۈن زور ئىلھام بولىدۇ. بلوگىرلار پىىشكىغا ئوخشايدۇ.
    ئويۇننى باشلىغاندا سانى كۆپ، قىممىتى تۆۋەن
    شاھمات باشلانغاندا پىشكىلار ناھايىتى كۆپ، ھەرقانداق بىر تۈردىكى ئۇرۇقتىن كۆپ، بۇ ھەممە بلوگىرنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدۇ. دەسلەپتە بەك نۇرغۇن ئادەم بىللە باشلايدۇ. ئاخىرغىچە بارالايدىغانلار ناھايىتى ئاز.
    ئەڭ ئاۋال مىدىرلايدىغانلار يەنىلا پىشكا
    چوڭ-چوڭ تور بېكەتلەردە بىرەر يېڭى ئۇچۇر كۆرۈنۈشتىن بۇرۇنمۇ ئاۋال بلوگدا كۆرۈنىدۇ. شاھمات تاختىسىدىمۇ ئاۋال پىشكا ماڭىدۇ. بلوگ باشلانغاندا نۆلدىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق. ئاستا-ئاستا ئالدىغا قاراپ ماڭىدىغان گەپ.
    پىشكا بىرىنچى قېتىم مىدىرلىغاندا 2 قەدەم ماڭسا بولىدۇ
    بلوگنى دەسلەپ يازغان كۈنى كۆپرەك يازما يازىسىز، نادىر، تاللانغان نەرسىلەرنى كۆڭلىڭىزدىكى باشقىلارنى قىززىقتۇرالايدىغان يازمىلارنى يازىسىز. بىراقلا 2 قەدەم ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ. ئەمما ۋاقت ئۆتكەنسىرى، ئالدىغا قاراپ ماڭغانچە پەقەت بىر قەدەملە ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئىشلار شۇنداق. بۇنىڭغا ئامال يوق.
    كۆپلىگەن پىشكىلار ئۆلىدۇ ياكى توسۇلۇپ قالىدۇ
    ئالدىغا قاراپ ماڭغانچە توسالغۇلار بەك كۆپ، نۇرغۇن پىشكىلار يىيىلىپ كېتىدۇ، ياكى توسۇلۇپ مىدىرلىيالماس بولۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن بلوگىرلار دەسلەپتە قىزغىنلىق بىلەن باشلاپ، ئوتتۇرغا كەلگەندە زىيارەتكە ئادەم چىقمىسا توختاپ قالىدۇ. دەسلەپ يۈز ئادەم باشلىسا ئاخىرىغا بارىدىغىنى ناھايىتى ئاز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلار شۇنداق ئاز بولىدۇ ھەم ساز بولىدۇ. بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ بىر قانۇنىيەت. ھەممە ئىشتا ئوڭۇشسىزلىق بار.
    چىداپ ئاخىرقى نۇقتىغا بارغان پىشكىلارنىڭ كۈچى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ
    پىشكىلار ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بارغاندا كۈچى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كۈچىدىن ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇ باشقا چوڭ-چوڭ، كۈچلۈك ئۇرۇقلارغا ئايلىنالايدۇ. ئىشلار ئەنە شۇنداق. ئەمما ئاخىرقى نۇقتىغا بارىدىغان پىشكىلار ناھايىتىمۇ ئاز. ئۆتكەندە 25 مىليون دوللارغا ستىلغان ئارز تېخنىكا بلوگىنى خەۋەر قىلدۇق. ئاخىرقى نۇقتىغىچە چىداپ بارالىغان بلوگلارنىڭ تەغدىرى خۇددى شۇ پىشكىلاردەكلا بولىدۇ.
    پىشكىلار ئاخىرقى نۇقتىغا يېقىنلاشقاندا ھۇجۇمغا كۆپ ئۇچرايدۇ
    ئاخىرقى نۇقتىغا باراي دەپ قالغان پىىشكىغا قارشى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇنى كۈچلۈك ئۇرۇققا ئايلاندۇرغىلى قويمايدۇ. ئەمەليەتمۇ شۇنداق. بلوگ تەرەققىي قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش باسقۇچىدا تۇرغاندا نۇرغۇن تورداشلار ھەسەت قىلىشى، ۋىرۇس ئېسىشى، تور بېكەتلەردە يامان تەشۋىق قىلىپ تىللىشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باشتىن باشلاش كەتمەيدۇ. سىزدىن خاتا كەتكەن جايلار بولسا تۈزىتىش كېرەك. ئەمما سىز ئاللىبۇرۇن يەتتە قەدەم ماڭدىڭىز، ئەگەر بىر قەدەملا ماڭسىڭىز كۈچلۈك ئۇرۇققا ئايلىنىسىز، ئۇ چاغدا ھەممە تەرەپكە خالىغانچە ماڭالايسىز. نىمىشقا ۋاز كەچكۈدەكمىز؟
    سىز داۋاملىق پىشكا بولامسىز؟
    بلوگىر پىشكىغا ئوخشايدۇ، ئالدىڭىزغا ھەر قېتىم بىر قەدەملا ماڭالايسىز، ئەمما يۆلىنىشنى سىز بەلگىلەيسىز، خاتا ماڭسىڭىزلا توسۇلۇپ قالىسىز ياكى باشقىلار سىزنى يەيدۇ. شۇڭلاشقا مەڭگۈ پىشكا بولمايمەن دەيدىكەنسىز ئاخىرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ يۆلىنىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

    داررېن راۋزنىڭ شۇ ناملىق يازمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلدىم. ئەسلى ئېنگلىزچە ماقالە




    评论

  • تەكلىماكان ئەپەندى بۇ يھزمىڭىز ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بۇلۇپتۇ ،
    توغرا ھازىر بىز شۇنچە ئىشتىياق بىلەن يېزىۋاتىمىز ،ئەمما بىلىدىغانلىرىمىز كوپ ئەمەس ،بەلۇم باسقۇچقا بارغاندا يازغىلى بىر نەرسە قالمامدىكىن دەيمەن ،
    سىزدى يەنە سۇراپ باقاي :تەرجىمە قىلىىنغان ماقاللىلەر ئارقىلىقمۇ داڭلىق بلوگ يارتىش مۇمكىنمۇ ؟بۇ توغرىسىدا بىرەر مىسال بارمۇ ؟
    uzdiyar.blogbus.com
    teklimakan回复ئۇزدىيار说:
    ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىز مەلۇم بىر داڭلىق ئېنگلىزچە ياكى خەنزۇچە ۋە ياكى سىز بىلىدىغان چەتئەل تىلىدىكى بلوگنى كۈندە كېزىپ،
    پالانى بلوگنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخاسى دەپلا ئېلان قىلسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
    تەرجىمە ماقالىنى يوللىغان بلوگلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالامدۇ دىگەن سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بېرەي.
    تەرجىمانلار جان باقالمايدىغان ۋاقت تېخى كەلمىدى.
    2008-05-30 20:58:44
  • ھەقىقەتەن جايىدا ئوخشىتىش بوپتۇ
  • ھەقىقەتەن جايىدا ئوخشىتىش بوپتۇ
  • بىرمۇنچە ئىنكاس يىزىپ ئەخلەت قىلىۋەتمىگەندىمەن بىلوگىڭىزنى تەكلىماكان ئەپەندىم ~~~~~~~~~~
    teklimakan回复ئەلقۇت说:
    ئۇنداق ئەمەس. بىز ئىنكاسىڭىزغا مۇھتاج
    2008-05-30 20:56:23
  • ما تىمىنى ئوقۇپ ئاران كۆڭلۈم جايىغا كەلگەندە يەنە بىر قىسما بوپ قالدىم . دوللارنى كۆپ تاپىمەن دەپ بىرخەنزۇچە بىلوگ ياساپ قويغان ،باشتا ئانچە خوش ياقمىدى كىيىن googleiمۇشۇنداقمۇ ئىشقىلىپ مۇشۇ بىلوگنىڭ ئاستىنى چەكسەك شۇنداق بىر مۇلازىمىتى چىقىدۇ ،شۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن ھالقىلىق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك نەرسە بولسىلا يوللاۋەردىم .ئەتتىگەندە 4-5نى چۈشتە يەنە 4-5نى كەچتە يەنە شۇ ،شۇنداق قىلىپ 3كۈن ئۆتكەندە قارىسام مىنىڭ بىلوگىمدىكى ماقالىنى خېلى يامان ئەمەس بىر ئۇلىنىش تورى تەۋسىيە يازمىلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويۇپتۇ ، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىلوگقا كۈنلۈك زىيارەت سانى 30000دىن چۈشمىدى ،ئەڭ كۆپ بولغاندا 50000غا باردى .ئىشەنمىسەڭلار مانا ماۋۇ ئادىرىسقا كىرىپ قاراپ بىقىڭلار .
    http://alquth.blogbus.comئەلقۇت نىڭ كەينىگە hھەرىپىنى يىزىش ئارقىلىق ئەلقۇت خەنزۇچە بىلوگى دىمەكچى ئىدىم ، شۇ زىيارەت ئاساسىدا بىلوگىمدا تەكلىماكان ئەپەندى دىگەندەك كۈنىگە 100دوللار تاپالمىساممۇ 3كۈندە 100دوللار تاپتىم . كىيىن تۇرسام بىر خەنزۇ ئۇچۇر قىپتۇ ،بىلوگىڭنىڭ زىيارەت سانى بەك ياخشى ئىكەن ،ماڭا سىتىپ بەر دەيدۇ ،بىلوگىنىمۇ پۇلغا ئالىدىكەن ماخەق ،ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى ساتساممۇ ساتاي قانچىگە ئالىسەن دىسەم ،5000باھا قويدى ،تاس قالدىم ئولتۇرغان ئورنۇمدىن ئۇچۇپ كەتكىلى ،بولىدۇ سودا قىلساق قىلدۇق دەپ ،مەن ئەخمەق خەققە كىرىش ئىسمى بىلەن مەىپى نۇمۇرىنى دەپ بىرىپتىمەن . ئاۋۋال شۇنى دەپ بەرسەڭ پۇلنى سەپ بىرىمەن دىگەنتى ،كارتا نۇمۇرى بىلەن ئىسىمنى دەپ بەرسەم ئىسىم خاتاكەن پۇل سالالمىدىم دەپ موتۇرۇلا قىلىۋاتىدۇ ،توختا قۇيۇلماي ماۋۇ كاپىرغا دەپ ئەسلىدىكى 6خانىلىق مەخپى نۇمۇرنى 16خانىغا ئۆزگەرتىپ ،خەت ساندۇق دىگەندەك ھەممە ئۇچۇرنى بىر قۇر تەكشۈرىۋىتىپ ئەتە نەچچە دوللار بولا دىگەننى ئويلاپ ياتاققا كەتتىم ،ئەتىسى كەلسەم alqutدىگەننى slqutدەپ ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى ،يامان يېرى خەت ساندۇققىمۇ ئوخشاش مەخپى نۇمۇر ئىشلىتىپتىكەنمەن ،بىلوگ باس قا خەت يازسام ئۇلار قايتۇرغان خەتكە مىنىڭ نامىمدا ئا سولتەك خەت قايتۇرۇپ قويۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭمۇ ئالدىدا مات بولۇپ بىشىمنى ئۇيە -بۇيەگە چىقىپ بىقىپ بولدى قىلدىم ،ئاچچىقىمدا زىيارەتچىلەرنى باشلاپ كىلىۋاتقان بارلىق توربەتلەردىكى يازمىلاردىكى ئۇلىنىش ئادىرسىنى ئۆچۈرىۋەتتىم ،لىكىن شۇنداقتىمۇ ھازىر كۈنىگە 100دىن ئارتۇق زىيارەتچىسى بار ،بەك ئىچىم ئىچىشىدۇ ئاشۇنىڭغا ~~~~~~~~~
    يەنە بىر گەپنى قىلسام ماۋۇ بىلوگ باسنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىدىن تازا رازى بولمىدىم مەن ،بىرلا ۋاقىتتا نەچچە ئادەم ئاچقىلى بولىدىكەن ،ھىلىقى گۇي مىنىڭ نامىمدا ئىچىپ قويۇپ مەن توردىن چۈشكەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ ئارخىپىغا ئۆزگەرتىپ ،بىلوگىمنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان گەپ .
    مۇشۇ يەردە يەنە بىر نەرسىنى دەي http://alqut.blogbus.com بۇندىن كىيىن ماڭا تەۋە ئەمەس . يا ئاۋۇ كاپىر ئۆچۈرىۋەتمىدى ئۇ بىلوگنى.
    teklimakan回复ئەلقۇت说:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    سىز بۇ مەسلىنى Blogbus تىكىلەرگە تېلفون قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇرۇنقى بلوگىڭىزغا راستىنلا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تارماقلىرىنى ئىزدىسىڭىز ھەم بولىدۇ. ئۇلار چوقۇم ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر بولدى قىلاي دىسىڭىز سىز يەنە قىلالايسىز. باشقىدىن بىرنى ئالسىڭىزمۇ ھەم بولىۋېرىدۇ. ھەممە ئىشنى باشتىن باشلاڭ.
    2008-05-30 20:56:01
  • ئەجەب جايىدا ئوخشىتىپا ، دېمىسىمۇ شۇ دەسلەپ باشلىغاندا ئاجايىپ زور ئىشتىياق بىلەن تۇتۇش قىلىدىكەنمىز، بارغانچە ئۇنداق يۇقىرى ئىشتىياقنى ساقلاپ قالالمايدىكەنمىز .
    بۇ تېمىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىچىمدە ئۆز ئۆزۈمگە << سەن بىر پىشكىسەن ! >> دەپ قويدۇم!
  • ئىسىل ئوخشىتىش!
    پىچكا ھامان گەردىگە ئايلىنىلىدۇ!
  • قالتىس ئوخشىتىشكەن. نۇرغۇن سوئاللارغا ناھايىتى چۈشىنىشلىك جاۋاب چىقىپتۇ. يېڭى بلوگىرلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.
  • ھاياتلىتىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنش بىلەن مەغلۇبىيەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش!

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我