2-پەسىل : بۇ پەسىلدە بىر بلوگ ئارقىلىق كۈنىگە يۈز دوللار تېپىش ئۇسۇلى تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى بىلەن تونۇشتۇرىلىدۇ. ھىچقانداق كىشىگە شەرت قويۇلمايدۇ. چەتئەل تىلى بىلىش ھاجەتسىز. سىز پەقەت كومپيوتېردا خەت يازالىسىڭىزلا مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان تەلەپلەرنى ئورۇندىيالايسىز.
بۇ ماقالىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقىڭ !
1
. «
كۈندە يۈز دوللار بەك ئاسان 1- پەسىل» - تەكلىماكان يازمىسى
2
. «
Google نىڭ سىرى» - بۈركۈت (Eagle)
يۇقارقى ئىككى تېمىنىڭ گەرچە بۇ ماقالە بىلەن بىۋاستە تۇققاندارچىلىقى بولمىسىمۇ، ماقالىدىكى مەشغۇلات پىرىنسىپلىرىنى چۈشىنىشتە ياردىمى كۆپ ! بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگنىڭ ئەسلى يازمىسى. كۆچۈرۈپ چاپلانسا مەنبەسى ئەسكەرتىلگەي.
ئەمسە گەپنى يەنە باشلاي! مەن بۇ تېمىغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرىمەن ! چۈنكى بۇ كۈنىگە 2 سائەت ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئايدا 22000 يۈەن پۇل تاپىدىغان ئۇسۇل ! بۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ سالمايسىز ! سالىدىغان بىر دىنبىر مەبلەغ ھەر كۈنى ئىككى سائەت ! قار ياغقاندىمۇ، بوران چىققاندىمۇ، ماغدۇر كەتكەندىمۇ ... سالىدىغان بىردىنبىر مەبلەغ ھەر كۈنى ئىككى سائەت ۋاقت !
مەن تېمىنىڭ 1-پەسلىنى يازغاندىن كېيىن فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان «يەرشارىلىق» ئەپەندىم، كورىيىدە، لوندوندا، ياپونيە ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۇلى مەسلىسىنى ئائىلىسىگە چاندۇرماستىنلا ھەل قىلىشنى ئويلاشقانلىنىقىنى ھەم بۇ ئىشنىڭ زادى مۇمكىنلىكىنى سورىدى ! مەن ئۇلارغىمۇ جاۋاب بەرگەن. ھەم بۇ يەردىمۇ جاۋاب بېرەي !
كۈندە 100 دوللار تېپىش سىز ئۈچۈن ھەم مەن ئۈچۈن تامامەن مۇمكىن ! تامامەن مۇمكىن ! تامامەن مۇمكىن !
بەزىلەر بۇ ئىشقا قەتئى ئىشەنمەسمىش ! ھىم ! چۈنكى تېپىپ باقمىغانلار ئىشەنمەيدۇ. بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ئادەملەر بەك كۆپ ! ئۇلارنى ئىشەندۈرۈپمۇ بولالمايمىز ! ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قانداق پاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان ئادەملەر بار تۇرسا !
ماقالە باشلىنىشتىن بۇرۇن يەنە ئەسكەرتەي : ھەرقانداق بىر دوستىمىزنىڭ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىش ياكى قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار ! بىز ھىچكىمنى زورلىمايمىز ! بىز پەقەت پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىككى سائەتلىك ۋاقتىنى توردا بىز بىلەن 100 دوللار ھەلەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغان بۆرە يۈرەك تورداشلارغا تونۇشتۇرىۋاتىمىز ! تېما مىجەزىڭىز تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمىسا (ئەگەر تېمىدا سىزگە ۋە باشقىلارغا تىل ھاقارەت قىلغان مەزمۇنلار سۆزلەنمىسىلا) كارىڭىز بولمىسۇن !
يۈز دوللار !
$ بۇ بەلگىنى تونۇمسىز ؟! تونۇمىسىڭىز ئەمدى تونۇيدىغان بولىسىز ! ئۇ دوللارنىڭ بەلگىسى، پۇلنىڭ بەلگىسى، سىز شۇنداق بەلگىسى بار پۇلدىن 100 نى تاپالايسىز دىگەن گەپ. بىر ئايدا، بىر ھەپتىدە ياكى بىر كۈندە ئەمەس ! ئىككى سائەتتە !
بۇ تېمىدا سىز قىلىدىغان ئىش كەتمەن چېپىش ئەمەس ، پايپاق سېتىش ئەمەس، ھىچ ئىش قىلماي دۈم يېتىش ھەم ئەمەس !
بۇ خۇددى «كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ ! » دىگەن سۆزدەك ئاددى ئىش !
بۇ خۇددى تەييار تاماققا مېھمان بولغاندەكلا ئاددى ئىش !
ئەلى بابا «كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ! » دېسە جاۋاھىراتقا تولغان غار ئېغىزى ئېچىلغاندەك ئاددى ئىش !
ئەمما ئۇنچە كۆپ مال دۇنيا يوق ! بارى ھەر كۈنلۈكى ئاران يۈز دوللار ! 700 يۈەن ! 70 ياۋرو ! 1500 رىيال ! بىر كۈنلۈكىڭىزگە يېتەمدۇ ؟ 700 يۈەن كۈنلۈك چىقىمىڭىزغا يەتمىسە مەندە ئامال يوق ! باشقا يول تېپىڭ ! مەن ئاران مۇشۇنچىلىك تېپىشنى ئۆگىتىپ قويالايمەن ! «ئۆزىدە يوق نەرسىنى باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدۇ» - ئەرەب خەلق ماقالى
بۇنىڭغا كۆپ ۋاقت سەرپ قىلمايسىز ! مۇشۇ تېمىنى ئوقۇپ بولغانچىلىك ۋاقت كېتىدۇ. بىر قاچا تاماقنى يەپ بولغانچىلىك ۋاقت كېتىدۇ. كۈندە ئىككى سائەت ! تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كىلىپ تۇل خوتۇنلارچە غەيۋەتكە چۈشكەنچىلىك ۋاقتتا، يالغاندىن سىياسى ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولىۋېلىپ گېزىتكە قاراپ ئولتۇرۋالغانچىلىك ۋاقتتا، رەيھان ئۆيىدىن چىقمىسا ساقلاپ ئولتۇرغانچىلىك ۋاقتتا، سىزگە يۈز دوللار تېپىشنىڭ يولىنى ئۆگىتىپ قويىۋاتىمىز. دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭ ! بۇ تېمىغا دۈشمەنلىك قىلماڭ. چۈنكى سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەتىدىن كەچكۈچە تورخانىدىن چىقماي ئويۇن ئوينىغانغا دۈشمەنلىك قىلمىغان ! بۇ تېمىغا زەھەر سانجىماڭ ! چۈنكى سىز پۇل تاپالمىغانلار ئىچكىرىگە يانچۇقچىلىققا ماڭغاندا «ئاقيول تىلەپ ئۇزاتقان» ! بۇ تېمىغا غەيۋەت چاپلىماڭ، چۈنكى سىز نامراتلارغا پۇل تارقىتىپ باقمىغان ! بۇ تېمىدىن ھەم گۇمانلانماڭ، بەلكى گۇمانلىنىدىغان ئىش - سىز نامرات بولغاچقا ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولمىغان قىزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە پاھىشە بولىشى ! بۇ تېمىدىن قۇسۇر ئىزدىمەڭ ! سىز قۇسۇر ئىزدەيدىغان نەرسە مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يول ئاچالمىغان، ئىشلىمىگەن كاللىڭىز !
مەن ئۇخلىسىمۇ پۇل دەپ خورەك تارتىدىغانلاردىن ئەمەسمەن ! بەلكى ھەممىنى كاللامدىن چىقىرۋېتىپ راھەت ئۇخلايدىغاندىن! مەن قەرز ھەلەكچىلىكىدە يامان چۈش كۆرمەيمەن ! باغچىلارنى سەيلە قىلىپ شېرىن چۈش كۆرىدىغاندىن ! مەن پۇلغا ئەمەس پۇل تاپالايدىغانلارغا ئەگىشىمەن ! يولغا ئەمەس يول تاپالايدىغانلارغا ئەگىشىمەن ! ئاياغ تىكىش ئۈچۈن موزدوزغا شاگىرت بولىمەن، پۇل تېپىش ئۈچۈن زەردارغا ! سىزمۇ ھەم كۈندە يۈز دوللار تېپىش ئۈچۈن مەزكۇر تېمىغا شاگرت بولۇڭ !
سىز نىمىشقا نامرات ؟ چۈنكى پۇل يوق !
قانداق قىلساق باي بولىدۇ ؟ پۇل تېپىڭ !
پۇل نەدىن كېلىدۇ ؟ پۇل ياسايدىغان زاۋۇتتىن !
ئۇنى قانداق تاپىمىز ؟ .....
يەر تېرىپ، كۆكتات سېتىپ، لەغمەن ئىتىپ، كەتمەن چېپىپ، بىر جۈملە سۆز جاپا چېكىپ ! تەر ئاققۇزۇپ، كۈن پاتقۇزۇپ دىگەندەك. ئەمما ھازىر مەن دېۋاتقان ئىش پۈتۈنلەي باشقىچە ! ئۇ يېڭىچە، ئۇ ئۆزگىچە، ئۇ كۆڭۈللۈك، ئۇ سىزنى ھارغۇزمايدۇ بەلكى راھەتلەندۈرىدۇ. ئەمدى ئۈرۈمچىگە بارسىڭىز ئۇدۇللا ھويتاك ياكى گۈزەل جۇڭخۇادا ياتىدىغان بولىسىز ! ئەمدى ئورۇنداقسىز بېلەت ئېلىپ 20 نەچچە سائەت ئۆرە تۇرۇپ يۈرمەيسىز ! سىز ئولتۇرىدىغان خاس يۇمشاق ئورۇندۇق ئۈچ كۈن بۇرۇنلا تەييارلانغان بولىدۇ ! ئەمدى چىرايىڭىزنى توپا بېسىپ كەتمەيدۇ ! نىمىشقا ؟ چۈنكى سىز بۇ تېمىغا ئەگىشىپ كۈندە 100 دوللار تاپقان !
پۇت - قولىڭىز ساق تۇرۇپ قىلمىسىڭىز، كۆزىڭىز ساق تۇرۇپ كۆرمىسىڭىز، قۇلىقىڭىز ساق تۇرۇپ ئاڭلىمىسىڭىز ئۇنىڭغا مەن ئەيپلىك ئەمەس ! سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە دۇنيا ئەيبلىك ! تەغدىر ئەيپلىك ! جەمئىيەت ئەيبلىك ! ھىم ! ئۇلار سىىزگە پۇرسەت بەرمەپتىمىش ! خۇددى رادىل ئابلا جەمىيەتنىڭ ئۆز بالىسىدەك، سىز ئۆگەي بالىسىدەك !
فرانسىيە گۈزەلمۇ ياكى كانادامۇ ؟ بۇنى سىز ئۇقمايسىز ! چۈنكى بېرىپ باقمىغاندە ؟ تېمىغا ئىزچىل ئەگىشىپ كۆرسىتىلگىنى بويچە مەشغۇلات قىلىڭ ! ئاندىن ھامان بىر كۈنى قايسىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى سىزنىڭ كۆزىڭىز ئىسپاتلايدۇ !
ھەر كۈندە !
سىز مانداق پۇلدىن 7 نى تاپالايسىز.
مانداق پۇلدىن 100 نى تاپالايسىز.

بەزىلەر تەكلىماكان بلوگ نەچچە پۇل تاپتى ؟ - دەپ سورىشىدۇ. ھې ھې ! سىزچە مەن بىلىككە 300 پارچە ئىنكاس يېزىلغان بىر ماقالە يازسام قانچە پۇل تاپارمەن ! ؟ ئەگەر payperpost تا ئېنگلىزچە يازسام ئېنىقلا 300 ئىنكاسلىق ماقالە ئۈچۈن 100 دوللار تاپىمەن ! يەنە بەزىلەر تەكلىماكان بلوگ كۈندە يېڭىلىنىدىكەن دەيدۇ ! پۇل تېپىپ بېرىۋاتقاندىكىن كۈندە يېڭىلىنىدۇ - دە ! ئەمدى سىزمۇ تېپىڭ ! تېمىغا دىققەت قىلىڭ ! تەپسىلى ئوقۇڭ، چۈشەنمىسىڭىز سوراڭ !ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق سورىسىڭىز بولىدۇ. كەچۈرۈڭلار، يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ «كۈندە 100 دوللار بەك ئاسان» نى يازغىنىمىدىن بۇيان، QQ نى ئاچسام 300 دەك ئادەم بىراقلا خەت يېزىپ، جاۋاب يېزىپ بولۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم، شۇڭلاشقا پەقەت ئېلخەت ئارقىلىق ۋە ئىنكاس ئارقىلىقلا جاۋاب يازىمەن. ئېلخەت ئادرېسىم تەكلىماكان بلوگنىڭ ئوڭ تەرەپىدە بار. ئادرېسى :
www.tekli.cn
1- بۆلۈم : بلوگ ئورنى ھەققىدە
بلوگ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى باشقا شىركەتلەر تەمىنلىگەن ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى مەسلەن : blogbus ۋە uyghur.cn/blog قاتارلىقلار ... بۇنداق بلوگلارنى بىز قىسقارتىپ BSP دەپ ئاتايمىز.
يەنە بىرى ئۆزىڭىز بىر بوشلۇق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى داڭلىق wordpress كە ئوخشاش بلوگ پروگراممىسىنى قاچىلاپ، خۇسۇسىي بوشلۇقتا ئاچقان بلوگ. بۇنداق بلوگلارنى ھەقلىق بلوگ دەپ ئاتاپ تۇرايلى ! بىز 1- بۆلۈمدە مۇشۇ ئىككىسىنىڭ قايسىنى تاللاش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىمىز .
BSP نىڭ ئالاھىدىلىكى :
بوشلۇق ھەقسىز، پروگرامما ھەقسىز، تور نامى ھەقسىز، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە ھەقسىز ! ھىچقانداق كاللا ئىشلىتىش كەتمەيدۇ. سىز پەقەت ئۇلار تەمىنلەپ بەرگەن بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۇلار تەمىنلەپ بەرگەن قوراللاردىن پايدىلىنىپ يازسىڭىزلا بولدى. تەڭشەش ئېلىپ بارىمەن دەپ ئاۋارە بولمايسىز، ھەممىنى ئۇلار ئۆز خاھىشى بويچە تەڭشەپ قويغان ! ھىچقانداق يېرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئولتۇرمايسىز، ھەممە نەرسە خۇددى خانغا تەييارلانغاندەكلا تەييار ھەم سىپتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ! بۇنداق بلوگنى قوغداشمۇ كەتمەيدۇ. BSP ئۆزى قوغدايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزدىن داڭلىق پروگراممېرلىرى بار، شۇلار ئۆزى قوغدايدۇ. ھىچكىمنىڭ ۋىرۇس ئېسىپ قويىشىدىن ئەنسىرمەيسىز. ھىچكىمنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرمەيسىز. پەقەت خەت يازسىڭىزلا بولدى.
BSP نىڭ چەكلىملىكى :
بۇنداق بلوگدا چوقۇم تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېلانى بولىدۇ، دىمەك سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ مەلۇم ئورنىغا ئېلان قىستۇرۋالىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە سىزگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ھەمدە ئۆزىگە شۇ ئارقىلىق كىرىم توپلاش ئۈچۈن پۇل تاپمىسا بولمايدىغان زۆرۈريەت. تور نامى 2-دەرىجىلىك تور نامى بولىدۇ. بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالسا سىز ئۆزگەرتەلمەيسىز. بلوگدىكى ئۇلار تەڭشەپ قويغان چوڭ تەرتىپلەرنى ئۆزگەرتەلمەيسىز. ئۇلار خالىغان جايغا ئېلان قىستۇرالايسىز، سىز خالىغان جايغا ئېلان قىستۇرالمايسىز. سىز يازغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىس باشقىلارنىڭ بوشلۇقىدا يەنى BSP نىڭ بوشلۇقىدا، ئۇلارنىڭ كىلىشىمىدە ئېنىق بار . ھەرقانداق ۋاقتتا ئۇلارنىڭ سىزگە بەرگەن بارلىق مۇلازىمەتنى توختىتىش ، بولۇپمۇ سىزگە ئالدىن ئەسكەرتمەيلا توختىتىش ھوقۇقى بار، سىزگە مەڭگۈ ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلەش مەجبۇريىتى يوق !
ھەقلىق بلوگنىڭ ئالاھىدىلىكى :
ئۆزىڭىزنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامىنى قوللىنالايسىز، بوشلۇقنى خالىغانچە كېڭەيتەلەيسىز ياكى تارايتالايسىز، بلوگ پروگراممىسىغا ئۆزىڭىز خالىغاننى ئىشلىتەلەيسىز مەسلەن : lbs, z-blog, wordpress, drupal ۋە باشقىلار دىگەندەك. بۇ پروگراممىلارنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشىۋالالايسىز، سىزدىن باشقا ھىچكىم ئېلان قىستۇرۋالالمايدۇ. سىزدىن باشقا ھىچكىم ئۆزگەرتىۋىتەلمەيدۇ. يوللىغان ھەممە مەزمۇن ئۆزىڭىز سېتىۋالغان بوشلۇقتا بولىدۇ. سىز بۇ بوشلۇقنى پۇلغا سېتىۋالغان، شۇڭا سىزنىڭ پۇلىڭىز تۈگىگىچە بولغان ئارلىقتا بوشلۇق تەمىنلىگۈچىنىڭ سىزگە بۇ مۇلازىمەتنى تەمىنلەش مەجبۇريتى بار، ئۇلار ئۆزلىرى خالىغانچە توختتىپ قويالمايدۇ.
ھەقلىق بلوگنىڭ چەكلىملىكى :
تور نامىنى پۇلغا ئالىسىز، پۇل بولمىسا ئالغىلى بولمايدۇ، Godaddy دىن ئالسىڭىز تەخمىنەن 10 دوللار. بوشلۇقنى پۇلغا ئالىسىز، دەسلەپتە 50mb بوشلۇقنى DreamHost تىن سېتىۋالسىڭىز تەخمىنەن 100 دوللار. يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان GoDaddy ، DreamHost لاردىن باشقا Net.cn دىن باشقا ھىچقانداق ئورۇندىن سېتىۋالماڭ. چۈنكى سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىشى كېرەك ! WordPress نى ئىشلىتەمسىز ياكى Drupal نىمۇ. ئەلۋەتتە چوقۇم PHP بولىشى كېرەك. بۇلارنى كېيىن چۈشەندۈرۈپ قويىمەن ! سىز ھەقلىق بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن PHP, MySql, JavaScript دىگەندەك مۇرەككەپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ساندان قۇرۇش، تور بېكەتنى لايھەلەش، پروگرامما يېزىش، تور بەتنى قوغداش، ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش ۋە ساقلاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك. بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن سىز تور ئىنجىنېرى ياكى مۇشۇ ساھەنى ئۆگەنگۈچى بولمىسىڭىز بولمايدۇ. ئېنىقكى سىزنىڭ بلوگىڭىز كۆزگە كۆرۈنگەن كۈننىڭ بىرىدە ۋىرۇس ئاسىدىغانلار چىقىدۇ، ساندان چوڭىيىپ كېتىدۇ، تور بېكەتتە ئەخلەت ھۆججەتلەر كۆپىيىدۇ، ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ، پروگراممىلار بۇزۇلۇشقا ئۇچرايدۇ. قۇرۇلمىسى كونىچە تۈس بېرىپ ئوقۇرمەنلەرنى بۇرۇنقىدەك جەلپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سىزدە IT ساھەسىدە ھەممىنى ھەل قىلىدىغان قابىليەت بولىشى كېرەك.
------
خوش ! ھەقسىز بلوگنى تاللامدۇق ياكى ھەقلىق بلوگنىمۇ ؟ بۇ تېمىغا ئەگىشىپ 100 دوللار تېپىشقا ئاتلانغان تورداشلار ئۆزۈڭلار پىكىر بېرىپ بېقىڭلار.
2- بۆلۈمدە مەخسۇس بىر تەرەپكىلا يۈزلىنىپ، شۇنى لايھەلەشنى ئۆگىنىمىز.
1-بۆلۈم تۈگىدى، ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقتتا تەكلىماكان بلوگدا داۋاملىشىدۇ. 100 دوللار ئۈچۈن بىر نەچچە ھەپتە بەرداشلىق بېرىپ ئەستايىدىل ئوقۇڭ، پىكىر قاتناشتۇرۇڭ. تەلەپ بويچە قىلىڭ !
评论
ئېلاننى سىز تەمىنلەپ بەرسىڭىز تەڭ پايدىلانساق، «قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا» دەپتىكەن، قويۇنغا پاتمىغىنى قونچىڭىزغىمۇ تۆكۈلۈپ تۇرسۇن !
ئايالىم ئائىلە ئايىلى ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولسا بىكار 40،50 ئۇيغۇرچە
بىلوگلاربولسا،توردىن ۋە ئۇيغۇرچە ماتىرىياللاردىن يازما يوللاپ باشقۇرۇپ كىتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن ، ئەگەر تەكلىپىمنى ماقۇل كۆرسىڭىز ئۇچۇر قىلارسىز.
ياردەم قىلارسىز.
izdangin$gmail.com
irshat1$hotmail.com
博主 对 irshat 的回复: 2008-03-18 01:18:01
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئادسېنس ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تېمىنى تولۇق ئوقۇڭ.
http://orda.blogbus.com/logs/16969677.html
بلوگنى مەن تولۇق ئۇيغۇرچە قىلىپ بېرەي.
سىز يەنە سىناپ بېقىپ، زادى بولمىغاندا ئېلاننى مەن تەمىنلەپ بېرەي.
xunga umumiyatni kuzda tutup haksiz blogni tallayli ,kupunqimiz haksiz 100 blog elip makal yoolap heli bir yarlarga barduk ,awal haksiz blog ni tallayli ,andin haklik blogni mu tallayli ,bu mining xahsi kuz karxim ,man asan bolganliki uqun xundak dimidim ,man uginixtin ,japa qikixtin kurkmayman ,likin bu tor injinirlikini uginix uqun heli wakit ketidu wa baxkilar ...
keni baxka doslar kandak karaydikin ...