باش بەت  Uyghurche  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • Adsense ئىلتىماس قىلىش تەپسىلى ئۇسۇلى - رەسىملىك - [Adsense بىلىملىرى]

    2008-03-28

    مەن تەكلىماكان بلوگدا «كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۇسۇلى» ناملىق ماقالىنى يازغاندىن كېيىن نۇرغۇن دوستلار ماقالىدە ئېيتىلغىنى بويىچە كۈنىگە يۈز دوللارلىق كىرىم ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەمما كۆپۈنچە دوستلار يەنىلا Adsense ھىساباتى ئېلىشتا قىينالغان. ئالدىنقى قېتىم بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغاندا يەنە نۇرغۇن تورداشلار رەسىملىك بىر چۈشەندۈرۈش يېزىشنى ئېيتىپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ قېتىم پۈتۈنلەي باشتىن باشلاپ يازدىم. ئەسكەرتىدىغىنىم يەنە شۇكى ئارتۇقچە ھەركەت قىلماڭ. مەن چۈشەندۈرگەن بويىچە قىلسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا Adsense ھىساباتىغا تىزىملىتالايسىز. بۇ قېتىم خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارمۇ تىزىملىتالايدۇ. قېىنى تۆۋەندىكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بويچە قىلىڭ. Adsense ھىساباتى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. تور بەت بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر شەخسى تور بەتكە ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز تور بەت قۇرۇلغىنىغا چوقۇم ئالتە ئاي بولغان بولىشى ھەم 1-دەرىجىلىك تور نامى بولىشى كېرەك. ھەم تور بېكەتكە قويىدىغان نۇرغۇن شەرتلەر بار. بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغاندا بۇنداق شەرتلەر يوق. ھەم تېز سۈرئەتتە ئالغىلى بولىدۇ. Adsense ئېلانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملىتىۋالغاندىن كېيىن ئېلان كودىنى ھەرقانداق بىر تور بېكەتكە قويسىڭىز تامامەن بولىدۇ. Google بۇنىڭغا چەك قويمىغان. ئەلۋەتتە سىز Adsense ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلەتكەن بلوگدىن باشقا يەنە باشقا تور بەت ياكى بلوگلارغىمۇ ئېلان قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەمما بۇ تور بەتلەر چوقۇم Google كىلشىمىگە ئۇيغۇن، قانۇنلۇق ۋە ساغلام بولىشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا Adsense ئېلانىغا ئىلتىماس قىلىش. بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. مەن باشتىن باشلاپ سۆزلەي. بلوگنى چوقۇم www.blogger.com دىن ئالىمىز. باشقا ھەرقانداق ئورۇندىكى ھەقسىز BSP دىن ئالغان بلوگلارغا Adsense ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ. ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلاننى باشقا بلوگلارغا قويساقمۇ بولىدۇ. ئەمما چوقۇم ئىلتىماس قىلغاندا www.blogger.com دىن ئىلتىماس قىلىمىز. شۇڭلاشقا ھازىر قىلىدىغان ئىش دەرھال : www.blogger.com نى ئېچىڭ.
    تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بلوگ ئېچىش دىگەن ئورۇننى چېكىڭ (ئەسكەرتىش : ئەگەر سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن بىر دانە مەزكۇر ئورۇندا بلوگىڭىز بولسا تۆۋەندىكى بىر نەچچە قەدەمنى قايتا تەكرارلاش ھاجەتسىز. ياكى باشتىن باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
    ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ چاغدا رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويچە تولدۇرىمىز. ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىڭ. بۇ چاغدا بلوگقا ئىسىم قويۇش بېتى ئېچىلىدۇ. سىز ئالماقچى بولغان بلوگقا ئىسىم قويىشىڭىز ۋە خەلقئارالىق تور ئادرېسىنى بېكىتىشىڭىز كېرەك. بۇلارنى كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بەك زىغىرلاپ كەتمەي ئۇزۇنراق، سەترەك بولسىمۇ تېزراق بىر ئىسىم تاللاڭ. دىققەت قىلىڭ. بىز ئېلان ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن جۇڭگودا بولساق چوقۇم خەنزۇچە بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىمىز. شۇڭلاشقا بلوگ نامىغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇڭ. ئارتۇقچە پىكىر يۈرگۈزمەي مەن دىگەندەك قىلىڭ. ئېلخەتكە چوقۇم Gmail.com دىن ئالغان ئېلخەتنى ئىشلىتىڭ. باشقىسى بولمايدۇ. داۋاملاشتۇرۇشنى باسقاندىن كېيىن بلوگقا ئۇسلۇب تاللاش بېتىگە كىرىدۇ. بۇ جايدىن خالىغان بىر ئۇسلۇبنى تاللاپ،داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇسلۇبنىمۇ كېيىن ئۆزگەرتكىلى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇمۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس. خالىغان بىر ئۇسلۇبنى تاللاڭ. دەرھال داۋاملاشتۇرۇڭ. ئاندىن ماقالە يېزىشنى باشلاش بېتىگە كىرىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىڭ ماقالە يېزىش بېتى ئىنتايىن ئاددى. ماقالە تېمىسى، ماقالە مەزمۇنى، ھالقىلىق سۆز ۋە باشقىلارنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماقالىنى يوللىساق بولىدۇ. قەتئى دىققەت قىلىڭكى : ماقالە چوقۇم خەنزۇچە يېزىلسۇن. ماقالە ھەرگىز باشقا ھىچقانداق تور بەت ياكى كىتابتىن كۆچۈرۈپ كېلىنمىسۇن. چوقۇم ئىجادىي بولسۇن. مەن سىزدىن چوڭ-چوڭ ئىلمىي ماقالە يېزىڭ دەپ تەلەپ قىلىۋاتمەيمەن. مەيلى ۋەلىسپىتىم بۈگۈن تىشىلىپ كەتتى، ئانام زۇكام بوپ قاپتۇ دىگەندەك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بولسۇن ۋە ياكى بۈگۈن پالانى كىنونى كۆرۈپ مانداق تەسىرلەندىم يەي دىگەندەك تەسىراتلار بولسۇن چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. ئەگەر خەنزۇچە يازالمىسىڭىز بىلىك كۇلۇبى ياكى تەكلىماكان بلوگقا كىرىپ، ئۆزىڭىز يازماقچى بولغان مەزمۇننى ئۇيغۇرچە يېزىپ، تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى مۇراجەت قىلسىڭىز تورداشلار بىردەمدە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 发帖 دىگەن خەنزۇچە خەتنى چېكىپ ماقالە يازىمىز، ھەر قېتىم ماقالە يېزىش ئۈچۈن مۇشۇ جاينى چېكىمىز. ئۇنتۇپ قالماڭ. ماقالە ئاز بولۇپ قالمىسۇن. چوقۇم 10 پارچىدىن كۆپ بولسۇن. بۇ ئون پارچە ماقالىنى بىر كۈندىلا يېزىپ بولماڭ. ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ كۈندە يېزىڭ. بۇ تېمىنى بۈگۈن ئوقۇشنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈچ كۈن ماقالە يازغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ. مەن دىگەندەك قىلمىسڭىز ئېلان ھىساباتى ئالالمايسىز. شۇڭلاشقا قەتئى شۇنداق قىلىڭ. يەنە ئەسكەرتەي : ماقالە خەنزۇچە يېزىلسۇن. چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. باشقا جايدىن كۆچۈرۈمەڭ. ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يېزىڭ. ئون پارچە ماقالىنى يېزىشقا ئەڭ كەم دىگەندە ئۈچ كۈن ۋاقت كەتسۇن. بىر كۈندىلا قوپۇرلغان تام ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تېمىنى ئوقۇشنى دەرھال توختىتىپ تۆتىنچى كۈنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇ ۋاقتقىچە بلوگىڭىزدا ماقالە يېزىڭ. ئەمدى 4-كۈنى. سىز بۇ چاغدا بلوگقا ئاللىبۇرۇن 10 پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇچە ئىجادىي مەزمۇن يېزىپ بولغان بولىسىز. دىمەك ھازىر سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئېلان ئىلتىماس قىلىشقا شەرتى تولۇق توشىدۇ. ئەمدى www.blogger.com نى ئېچىڭ. ۋە ئۈچ كۈن بۇرۇن تىزىملاتقان ھىساباتنى كىرگۈزۈپ بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىڭ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىپ ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش بېتىگە كىرىڭ. كىرگەندىن كېيىن رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە Html تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىڭ. سىز بۇ يەردە كۆپ نەرسىلەرنى ئاقتۇرماي بەتنىڭ ئەڭ ئاستىغىراق قاراڭ. مەن تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كودلارنى ئۆچۈرۋەتتىم. ئەمما سىزنىڭ ئېكرانىڭىزدا بىر مۇنچە قالايمىقان كود رامكىسى بار، سىز شۇ رامكىنىڭ ئاستىغا قاراڭ. ۋە رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 还原到经典模板 دىگەن خەتنى
    چېكىڭ.
    بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگنىڭ ئىجادىي يازمىسى كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
    بۇ چاغدا بىر جەزىملەشتۈرۈش كىچىك كۆزنىكى چىقىدۇ، سىز جەزىملەشتۈرۈڭ. ئاندىن قارىسىڭىز بلوگ ئارقا سەھنىسىدە Adsense دەيدىغان يەنە بىر تۈر كۆپىيىپ قالىدۇ. ئەمدى ئېلان ئىلتىماس قىلىشنى باشلايمىز. Adsense دىگەننى چېكىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك. چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. سىز بۇ جايغا ھىچنىمە تولدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈنگەن ئۇچۇرلاردا خاتالىق بولسا توغىرلاپ قويۇڭ. مەسلەن ئېلخەت ئادرېسىڭىز چوقۇم Gmail مۇ ؟ بلوگ تىلى چوقۇم 中文 مۇ، ئېلخەت تىلى چوقۇم 中文 مۇ دىگەنلەرگە دىققەت قىلىپ قويۇپلا داۋاملاشتۇرۇڭ. ئاستىدىكى 创建帐户 دىگەننى چېكىڭ. بۇ جەزىملەشتۈرۈش خېتى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىڭ. چەككەندىن كېيىن ئەگەر مەن دىگەن باسقۇچلارنى مەن دىگەن تەلەپ بويچە ئورۇندىغان بولسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىغا Adsense ئىلتىماس جەدۋىلى يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر بلوگ مەزمۇنىنى ئۆزىڭىز يازماي باشقا جايدىن كۆچۈرۈسىڭىز، ياكى بلوگدا خەنزۇچىدىن باشقا تىللارنى ئىشلەتسىڭىز، سەزگۈر، قانۇنسىز، شەھۋانى ياكى ھەرقانداق بولمىغۇر مەزمۇنلاردا بلوگ يازسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا خەت كەلمەيدۇ. يەنە دىققەت قىلىڭ. ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلارنىمۇ يازماڭ. بلوگدا مىللەت، ئۇ - بۇ دىگەندەك گەپ سۆزلەر بولمىسۇن. بىر بولسا ئاددىي تۇرمۇشتىكى ئىشلار ياكى يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى تەسىراتلار ياكى تور بېكەتلەرنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلار دىگەندەكلەر بولسۇن. ئۇيغۇرلار بلوگ يازغاندا بىر دىققەت قىلمايدىغان ئىش باركەن. نىمۇ دىسە ھەممىسى ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرلار ياكى يۇرتىمىز ھەققىدە بىر نەچچە پارچە كۆچۈرۈلمە ماقالىنى يېزىۋېتىدىكەن. مەسلەن ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر مۇقامى، ئۇيغۇر ئۇسۇلى، ئۇيغۇر خەلقى، ناخشا مۇزىكىلىرى دىگەندەك. سىزگە شۇنى دەپ قوياي. بۇنداق مەزمۇنلار بىلەن تولغان بلوگدا ئېلان ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا مەن دىگەن بويچە قىلىڭ. ھازىرقى مەقسەت Google ئېلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىش. سىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزنى ئاچقاندىن كېيىن بىر پارچە Google Adsense نامىدىكى خەت كەلگەن بولىدۇ. خەتتىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇلىنىشنى كۆچۈرۈپ ئادرېس رامكىسىغا چاپلاڭ. ياكى بىۋاستە چېكىڭ. بۇ چاغدا تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك Adsense ھىسابات ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ. مەن رەسىمدە كۆرسەتكەن پىنيىنچە دىگەننى چوقۇم پىنيىنچە يېزىڭ. ئېنگلىزچە دىگەننى چوقۇم ئېنگلىزچە يېزىڭ. ئەگەر يۇرت-مەھەللىڭىزنىڭ ئېنگلىزچە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئېتراپ قىلىدىغان ئۆلچەملەشكەن نامى بولمىسا ئۇ ھالدا پىنيىنچە يېزىڭ. خەنزۇچە يېزىڭ دىگەننى چوقۇم خەنزۇچە يېزىڭ. تاللاش رامكىسىنىڭ ھەممىنى تولۇق تاللاڭ. يۇقارقلارنى تولۇق تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 提交信息 نى چەكسىڭىز يېڭى بىر بەت ئېچىلىپ، ئەگەر مەن كۆرسەتكەن بويىچە توغرا تولدۇرغان بولسىڭىز جەزىملەشتۈرۈڭ دەپ خەت چىقىدۇ، سىز جەزىملەشتۈرسىڭىزلا ئىش تامام. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ، خاتا بولۇپ قالغان جايلار قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ، سىز بۇ چاغدا مەن كۆرسەتكەن بويىچە تۈزىتىڭ. توغرا بولغان بولسا جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن يەنە تەخمىنەن 48 سائەت ساقلىسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا سىزنىڭ ئېلان ھىساباتىڭىز تەستىقلىغانلىق ئۇچۇرى كېلىدۇ. ئەگەر سىز جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى مەشغۇلات قىلغان بولسىڭىز بەلكىم تەستىقلاش ئۇچۇرى كېچىكىپرەك كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قوياي. ئەگەر تەستىقلىماسلىق ئۇچۇرى كېلىپ قالغان بولسا سىز چوقۇم مەن دىگەندەك قىلماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان. قايتا مەن دىگەندەك قىلىپ قايتا ئىلتىماس قىلىڭ.
    Adsense ئىلتىماس قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى




    评论

  • مەنblogger دا نەچچە قېتىم google ئېلانى تەلەپ قىلىپ تەستىقلىتالمىدىم مەن ئەمدى باشقا بلوگ باشقا ئېلخەت ئېلىپ ئېنگىلىزچە بلوگ يىزىپ باقاي تەستىقلاپ قالارمۇ ؟؟؟ 20پارچە ئەسەر يازسام بۇلارمۇ ؟ ياكى ئۇلار سان ئەمەس چىكىلىش سانىغا قارامدۇ ۋە ھاكازا ، بۇرۇن كۆپ قىتىم باشقىلارنىڭ بېتى ۋە باشقا بلوگ نى قوللىنىپ سىنىغان بولمىدى
    مەن ئەمدى باشقا تۇققانلارنىڭ ئىسمىنى قوللىنامدىم ياكى ماڭا تەستىق تەگمىگەچكە ئۇزەمنىڭ ئىسمىنى قۇللانسام بۇلامدۇ ؟؟؟؟؟
  • مەن ھازىرچە بلوگگېر دىگەن ھىسابىمدىن ئېلانغا ئىلتىماس قىلدىم. ماقالەم 10 پارچە. ھەم بۇ بلوگنى ئىلتىماس قىلغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. تەخمىنەن بىرەر ئاي. ئىلتىماس قىلسام ئۇلار ساقلاپ تۇرۇڭ دەيدۇ. بىراق مەسىلە مۇشۇ بلوگدا. ماقالە يازسام يازغىلى بولىدۇ. بىراق چاكەن بوكې دىگەن يەرنى چەكسەملا بەت ئېچىلمايدۇ. يەنى
    http://kosan22.blogspot.com/ ئېچىلمايدۇ. بۇغۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس بەلكى ئەشۇلارنىڭ ئوزىنىڭ ئشى. بىراق مېنىڭ بۇ ئېلاننى ئېلىشىمغا تەسىرى بولارمۇ بولماسمۇ شۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.
  • https://www.blogger.com/start نىڭ ئېچىلىشى نورمال بولمايۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا قانداق ئىلتىماس قىلغىلى بولار؟ مەن ھازىرغىچە 7 پارچە ماقالە يېزىپ بولغانىدىم. ماقالە يازغان ۋاقىتلىرىمدا نورمال ئېچىلاتتى ھازىر نورمال ئەمەس.... قانداق قىلسام بولار؟ باشقا ئۇسۇل بارمۇ؟
  • https://www.blogger.com/start نىڭ ئېچىلىشى نورمال بولمايۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا قانداق ئىلتىماس قىلغىلى بولار؟ مەن ھازىرغىچە 7 پارچە ماقالە يېزىپ بولغانىدىم. ماقالە يازغان ۋاقىتلىرىمدا نورمال ئېچىلاتتى ھازىر نورمال ئەمەس.... قانداق قىلسام بولار؟ باشقا ئۇسۇل بارمۇ؟
    teklimakan回复كۆسەن说:
    شۇنداق ئېچىلىشى بەك ئاستا، ئەمما سەۋرىچان بولمىسىڭىز قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولسۇن.
    2008-05-28 20:43:33
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەنمۇ adsense نى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم ، 2كۇندىن كىين خەت ساندۇقۇمغا بىر خەت كەلدى ،خەتتە دىيىلىشىچە يەنە 1-2 كۇن ساقلىسام يەنە بىر پارچە خەت ئەۋەتىدىكەن ، شۇنىڭدا يەنە 1-2 كۇن سەقلامدىم؟
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ مەنمۇ تىزىملاتتىم ،لېكىن غەنزۇچە يازىدىغان يەرگە ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرسىغا چىكىت قۇيامدۇ ؟ ئېنگلىزچە يازىدىغان يەرگىچۇ؟
    teklimakan回复نۇرى说:
    قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    2008-05-23 15:29:12
  • بىزدەك چەت ئەل تىلىنى بىلمەيدىغانلار google دىن قەتئى ئېلان ئىلتىماس قىلالمايدىغان ئوخشايمىز . مىنىڭ قىلمىغىنىم قالمىدى . dada غىمۇ تىزىملىتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوللىدىم يەنىلا بەرى بىر ئۇزىنىڭ دىگىنى دىگەن ئىكەن . بىزنىڭ ھەققىمىز بولمىغاندىن كىيىن ئاستا ئارام ئالايلى
  • مۇمكىن بولسا hotmail ئادىرسىڭىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭز ياكى مىنى قوشۇۋىلىڭ : nooothing_else_matters@hotmail.com
  • www.blogger.com مۇشۇ توربەت قەتتيلا ئېچىلماتىدۇ~~~~~~~~~
    گۇگۇل تورىدىن باشقا پۇل تاوقىلى بولىدىغان توالار يوقمىدۇ~~~~~~~~ئۇنى تىزىملىتىش بەك تەسكەن مەن مۇشۇ چاغقىچە ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم~~~~~~يا ئاۋۇ توربەت ئېچىلمىدى ~~~~~~~~~~~~~~~باشقا بىلوگ لار بولماسمۇ چۇقۇم شۇ
    www.blogger.com نى ئىلتىماس قىلىش كىرەكما>؟؟؟
  • www.blogger.com بۇ تور نىمىشقا ېچىلمايدۇ مەن بىلوگ ئالالمىدىم~~~~~~~~ بۇ قانداق ئىش ئۇ تور توختاپ كەتمىگەندۇ~~~~~~``
  • www.blogger.com ماۋۇ بەت ئېچلماي ۋاتىدۇ بۇ زادى نىمىشقا؟
  • مەن bloggerبولگ ئېلىپ بولدۇم شۇنداقلا ماقالنىمۇ يولىغان ئېدىم بۇگۇن يەنە بېر ماقالە يازاي دەپ بولۇگنى ئاچسام نۇرمال ئېچلدى لېكىن ئارققا سەھنگە پەقتلا ئوتەلمدىم قانداق قىلسام ئارقا سەھنگە ئوتەلەيمەن مۇشۇ ھەققتە بېرە مەسلھەت بەرگەن بولسىڭز بوپتكەن ..
  • blogbus.com ئارقىلىق گوئوگلې ئېلانى ئىلتىماس قىلىشنى چۈشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ؟
  • blogbus بىلەن blogger نىڭ نىمە پەقى بار ؟ blogbus دىكى بلوگ ئارقىلىقمۇ Adsense ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ ؟
  • مەن ئىلانغا ئىلتىماس قىلغان ئىدىم مۇشۇنداق خەت ئەۋەتىپتۇ
    安尼玩 艾热肯:您好!
    非常感谢您对 Google AdSense 感兴趣。在审核您的申请后,我们的专家发现它不
    符合我们的计划标准。因此,我们无法批准您参与此计划。

    我们相信我们所制定的政策有助于确保发布商和广告客户的 Google 广告的效果。
    我们会对所有的发布商进行审核,并且保留拒绝任一申请的权利。随着我们的发
    展,我们也许能够将此计划扩大,以接受更多的网页内容更为丰富多彩的网站发布
    商。

    请注意,我们也许无法回答有关我们决策的具体原因的查询。非常感谢您的理解。

    衷心感谢,
    چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز .
  • مەن بلوگدا ماقالە يازاي دىسەم سىز دىگەندەك يوللانما يوللاش دىگەن ىەت بار كۆزنەك چىقماي كۈندىلىك خاتىرە دىگەن يېزىش دىگەن خەت بار كۆزنەك چىقىپ قالدى مەن شۇ يەرگە ماقالە يازساممۇ بولامدۇ ؟
    博主 对 تۇرسۇن 的回复: 2008-03-30 23:13:45
    بولىدۇ
  • كىملىكتىكى ئىسمنىڭ خەنزۇچىسىنى يازغاندى ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئوتتۇرسىغا
    چېكىت قويۇلامدۇ .ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن Google Adsense ھېساباتىمىزنىڭ قايسى ئورۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيمىز .
    مەسلەن تولا ئۆي كۈچۈپ تولا تېلىغۇن نۇمۇرىنى ئالماشتۇرىدىغانلار قانداق قىلىدۇ ؟
    博主 对 كارۋان 的回复: 2008-03-30 23:04:34
    چېكىت قويۇلسىمۇ، قويۇلمىسىمۇ بولىدۇ. چېكىت مۇھىم ئەمەس، خەت مۇھىم. تېلفون نومۇرى ۋە ئادرېسنى سېستىمىدا تۇرۇپلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بۇلارنى تەستىقلىتىش ھاجەتسىز. شۇڭلاشقا خاتېرجەم ئۆي كۆچۈۋېرىڭ. خاتېرجەم تېلفون نومۇرىنى ئۆزگەرىتۋېرىڭ
  • ئۇيغۇر چە كىر گۈزۈشنى قوشماي بولامدۇ، مەن نەچچە قىتىم قىلىپمۇ قاملاشتۇرالمىدىم ، سىز بىر كۈچەپ باقسىڭىز . باش سەھىپە قىلىپ قويغىنىڭزغا كۆپ رەخمەت، ھەمكارلىقىمىز ئۇتۇقلۇق بولغاي. يەنە ئوڭشىغىدەك يېرى بولسا ھەممىنى بىرتەرەپ قىلىۋەتسىڭىز. يەنە ئوڭ تەرەپتە كۆرىنىدىغان 4 بۇرجەك كىچىك بەلگىنى قانداق قىلىپ خەتنىڭ ئوڭ تەرەپكە يۆتكەيمىز .
  • 的怎么作blogbus有
    博主 对 dolkun 的回复: 2008-03-28 23:42:17
    ئۇيغۇرچە
  • بىر ئويدىن 2جان مەسىلەن ئاكا -بىلەن ئوكا ئىككى دانە Adsense ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ....
    博主 对 ئەلپىدا 的回复: 2008-03-28 23:41:41
    بولىدۇ. پەقەت بىر بىرىڭلارنىڭ ئېلانىنى چېكىپ سالماسلىقىڭلار كېرەك.
  • بىر ئويدىن 2جان مەسىلەن ئاكا -بىلەن ئوكا ئىككى دانە Adsense ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ....
    博主 对 ئەلپىدا 的回复: 2008-03-28 23:41:14
    بولىدۇ. ئىككىڭلار بىر - بىرىڭلارنىڭ ئېلانىنى چېكىپ سالمىساڭلار ئېلان كېلشىمىگە قاتتىق بويسۇنساڭلار ئائىلە بويچە ئايرىم-ئايرىم ئىلتىماس قىلساڭلارمۇ بولىدۇ
  • مەن بلوگ ئىلتىماس قىلغاندا سەخسى نامىمنى ayhenim دەپ پڭنيڭن بويىچە يېزىپ كويۇپتىمەن بۇنىڭ Adsense ئېلىشقا تەسىرى بولامۇ ؟ كۆرسەتمە بەرسىڭىز .
    博主 对 تۇرسۇن 的回复: 2008-03-28 23:39:41
    تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى بلوگ ۋە ئادسېنس پۈتۈنلەي ئىككى نەرسە. سىز بلوگدا قانداق نام بىلەن ئېلىشىڭىز ئادسېنستا قانداق نام قوللىنىشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىز پەقەت ئادسېنس ئېلانىنى بلوگقا قويۇش ئارقىلىق پۇل تاپىمىز. سىز پەقەت ئادسېنستا پۇل تاپشۇرىۋالىدىغان ئىسىم بىلەن ئادرېسنى توغرا يازسىڭىزلا بولىدۇ.
  • ياردەم قىلىسىڭز،سىز بلوگىڭىزدىكى تىما ماۋزوسىنىڭ رەڭگىنى قانداق ئۈزگەرتتىڭىز
    博主 对 daxxat 的回复: 2008-03-28 23:37:51
    ماۋۇ ماقالىنى ئوقۇپ چىقىڭ
    http://orda.blogbus.com/logs/17827302.html
  • ئەجىرڭىزگە كۆپ رەھمەت.ھەممىمىز سىزدىن مىننەتدار.
  • ئاۋۋال ماۋۇ يەردىكى ئىلاننى بىر چىكىڭ ! مەنمۇ چەكتىم سىزنىڭكىنى ،
    گوگىلدىكى 染道مۇشۇنى نىمىگە ئىشلىتىدۇ ؟قانداق ئىشلىتىدۇ ؟ ئىنىڭ بىر ماقالە يازسىڭىز بولپتىكەن ،
    博主 对 يازامسىز ! 的回复: 2008-03-28 23:37:03
    بولىدۇ، تەكلىماكان بلوگدا كېلەر ھەپتە بۇ ھەقتە ماقالە يازايلى
  • كۈندە 100 دوللار تاپقىلى بولامدۇ ؟
  • مېنىڭ ئىلتىماسىمنىڭ ھەممىسى رەت قىلىنغان. بۇ ئۇسۇل بىلەن سىناپ باقاي
  • رەھمەت سىزگە، بەك تەپسىلى يېزىپسىز

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我