باش بەت  Uyghurche  Adsense بىلىملىرى ئېنگلىز تىلى  پۇل تېپىش پۇرسىتى 

  • Adsense ھىساباتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش - [Adsense بىلىملىرى]

    2008-05-24

    بۇ ئۇقتۇرۇشنى Google Adsense Team تارقاتقان: ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك. ئۆتكەن يىل 5-ئايدىن باشلاپ Adsense ھىسابىنى Google ھىسابىغا قوشۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدۇق. بۇنداق بولغاندا سىز بىرلا مەخپى نومۇر ۋە بىرلا ئېلخەت ئارقىلىق كۆپلىگەن Google مۇلازىمەتلىرىنى باشقۇرالايسىز.
    ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بىز بارلىق Adsense چىلارنى Adsense ھىساباتىنى Google ھىساباتىغا قوشۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىمىز. (ئاللىبۇرۇن قوشۇپ بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.)
    تەكلىماكان بلوگنىڭ تولۇقلىمىسى:
    Adsense ھىساباتىغا Gmail دىن باشقا ئېلخەتلەر ئارقىلىقمۇ تىزىملاتقىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز Gmail دىن باشقا ئېلخەت ئارقىلىق Adsense قا تىزىملاتقان بولسىڭىز سىزنىڭ Google ھىساباتىڭىز بىلەن Adsense ھىساباتىڭىز ئايرىم ئىككى ھىسابات شەكىلدە ساقلىنىدۇ. سىز Adsense ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئېلخەت ئارقىلىق Gmail دە تىزىملاتقان ئېلخەت، بلوگ، Page Creator ۋە باشقا Google تەمىنلىگەن بارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتەلمەيسىز. بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن سىز Adsense ھىساباتىڭىزنى Google ھىساباتىڭىزغا قوشۇۋېتىشىڭىز كېرەك. مەسلەن ئەگەر سىز www.google.com دىن نام ۋە مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ كىرسىڭىز، ھىسابىم تىزىملىكىدە Adsense مۇ كۆرۈنسە سىز ئاللىبۇرۇن Adsense ھىسابىنى Google ھىسابىغا قوشۇپ بولغان بولىسىز، كۆرۈنمىسە تېخى قوشمىغان بولىسىز.
    داۋامى:
    ئەگەر Adsense ھىسابىنى Google ھىسابىغا قوشمىغان بولسىڭىز، ھىساباتىڭىزغا كىرگەن ھامان قانداق قوشۇش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشنى كۆرىسىز. ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇش بولمىسا سىز ئاللىبۇرۇن قوشۇپ بولغان.
    بىر نەچچە سۇئالغا جاۋاب:
    1. مەن Adsense نى باشقا Google مۇلازىمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرمايمەن. ئايرىم باشقۇرماقچى قانداق قىلىمەن؟
    جاۋاب: سىز Adsense نى ئايرىم باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە Google ھىساباتى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن سىز Adsense نى باشقۇرۇش ئۈچۈن palani@gmail.com نى ۋە Google دىكى باشقا مۇلازىمەتلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن pukuni@gmail.com نى ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ. Google سىزنىڭ كۆپلىگەن ھىساب تىزىملىتىشىڭىزغا يول قويىدۇ. ئەمما Adsense ھىساباتى بىرلا بولىشى كېرەك.
    2. مېنىڭ Adwords دىكى بانكا كارتا ھىساباتىم بىخەتەر بولارمۇ؟
    Google سىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزنى مۇتلەق ئاشكارىلىمايدۇ ھەم ئىزدەش نەتىجىسى ئىچىگە كىرگۈزمەيدۇ. بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ. ئەگەر يەنىلا خاتىرجەم بولالمىسىڭىز سىز باشقا بىر Google ھىساباتى ئېچىپ، Adsense ۋە Adwords غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى شۇنىڭدا ساقلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. 1.جاۋابتا كۆرىستىلگەندەك.
    3. ئەگەر مەن ئۇنداق قىلمىسام قانداق قىلالايتىڭ؟
    ئەگەر سىز Adsense ھىساباتىڭىزنى بىز ئاگاھلاندۇرغان بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە Google ھىساباتىڭىزغا قوشمىسىڭىز ئەمدى بىزدىن پۇل ئالالمايسىز. Adsense ھىساباتىڭىزغا قايتا كىرەلمەيسىز.




    评论

  • مېنىڭ قايسى كۈنى بىر چېكىلگەندە 0.16$ بوپتىكەن ...
  • بەك ئالدىراش بوپكىتىپ بارامدۇق يا ~~~~~~
  • مۇشۇ گۇگۇل ئىلانىنى قانداق ئېلىۋاتقانسىلەر ؟ نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلسام بەرمىدى، ئېلىش قىزغىنلىقىممۇ بارغانسېرى يوق بولدى.، مېنىڭمۇ گۇگۇل ئېلانىم بولسىكىن دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىمەن!
    ماڭا بىر يول كۆرسىەتسىڭىز
  • مەن ئەسلى تىزىملاتقاندا 163 نىڭ خەت ساندۇقىغا تىزىملاتقان ،ماۋۇ گەپكە ئاساسەن ئۆزگەرتەي دەپ گۇگۇل دىن ئىلخەت ئىلىپ خەت ساندۇقنى ئۆزگەرتىش دىگەن يەرگە كىرسەم باشقىنى ئىشلىتىڭ گۇگۇلنىڭكىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەيدۇ ،قانداق قىلسام بولىدۇ ئەمدى .163دىكى ئادىرىستىنمۇ مىنىڭ ھىساۋاتىم دىگەن يەرگە كىرەلەيمەن بولمسا ~~~
    teklimakan回复ئەلقۇت说:
    مېنىڭ ھىساباتىم دىگەن يەرگە كىرەلىسىڭىز ئۇنداقتا سىز ئۆزگەرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھىساباتىڭىز ئاللىبۇرۇن Google ھىساباتى قىلىپ يۆتكىلىپ بوپتۇ. ئارتۇقچە ئەنسىرمەڭ.
    2008-05-27 21:18:08
  • مۇشۇ گۇگۇل ئىلانىنى قانداق ئېلىۋاتقانسىلەر بالىلار ؟ نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلسام بەرمىدى، ئېلىش قىزغىنلىقىممۇ بارغانسېرى يوق بولدى. ئەمما، سىلەرنىڭ ئېلان ھەققىدىكى يازمىلىرىڭلار، دېيىشكەن گەپلىرىڭلارنى كۆرسەم، ئېلانمۇ زىيات قىلماسكەن دەپ، مېنىڭمۇ گۇگۇل ئېلانىم بولسىكىن دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىمەن!
  • مىنىڭ ئىلانىمنىڭ يەككە باھاسى 0.2$دىن بوۋاتىدۇ،نورمالمۇ؟
    يەنە بىر ئىش،،،بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我