-
Blogspot.com دا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى - [ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش]
2008-05-30
بۇندىن كېيىن بىز تەكلىماكان بلوگدا تەمىنلەيدىغان ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قاچىلايسىز. ئاۋال چۈشەندۈرۈشۈمگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بلوگ ئارقا سەھنە تىلىنى «خەنزۇچە - ئاددى» (中文-简体) غا تەڭشىۋېلىڭ. ياكى ئېنگلىزچە بولسىمۇ مەيلى.
www.blogger.com دىن ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىغا كىرىڭ. ۋە ئارقا سەھنىدىن سىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان بلوگنىڭ «ئۇسلۇب» ياكى خەنزۇچە 布局 ياكى ئېنگلىزچە layout تۈرىنى تاللاڭ. چەككەندىن كېيىن تۆت تارماق تۈر ئېچىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن «Html ئۆزگەرتىش» (修改 HTML / Edit Html) دىگەننى چېكىڭ. بۇ چاغدا كود رايونى ئېچىلىدۇ. سىز ئاۋال كود رايونى ئوڭ ئۈستى بۇرجەكتىن «كىچىك كۆزنەكلەرگە كېڭەيتىش» (扩展窗口小部件模板) نى چېكىپ، بىر نەچچە سېكونتتىن كېيىن بەت يېڭىلانغاندا «ئېچىش (浏览)» دىگەن ئورۇندىن كومپيوتېرغا چۈشۈرگەن ئۇسلۇبنى تاللايسىز. ئاندىن «قاچىلاش (上传)» نى بېسىپ، بەتنىڭ ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى «ئۇسلۇبنى ساقلاش» دىگەن كونۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بلوگگېرنىڭ ئالدى بېتى تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىدۇ.
رەسىملىك چۈشەندۈرۈش: نومۇر قويۇلغان رەت تەرتىپكە دىققەت قىلىڭ. 1-دىن باشلاپ مەشغۇلات قىلىڭ
دىققەت : بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلارنى بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردا تەمىنلەيمىز. بۇ ماقالە پەقەت كېيىن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى قاچىلاشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن يېزىلدى.
ئاددى خۇلاسە :
1. www.blogger.com دىن بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىڭ
2. «ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش بېتىگە كىرىڭ»
3. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كومپيوتېردىكى ئۇسلۇبنى تاللاپ قاچىلاڭ
4. ئۇسلۇبنى ساقلاڭ.
<< Blogbus دا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى | باش بەت | Blog*Spot ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب: ئەلئېھرام >>
Blog*Spot ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى: يېشىل دالا
Blog:تەكلىماكان بلوگ* ئاسىيا2008-05-30 00:52:32Blog*Spot ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب: ئەلئېھرام
Blog:تەكلىماكان بلوگ* ئاسىيا2008-05-30 00:29:18
引用
下面Blog引用了该文: