-
Blogads ئارقىلىق پۇل تېپىش - [پۇل تېپىش پۇرسىتى]
2008-05-25
BlogAds شىركىتى مەخسۇس بلوگ (تورتۇرا) ئۈچۈن ئېلان تەمىنلەش سۇپىسى بار شىركەت. بۇ شىركەتمۇ Google Adsense قا ئوخشاشلا ئىشەنچىلىك. ھەر ئايدا كەم دىگەندە 50 دوللاردىن 5000 دوللارغىچە پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما تىزىملىتىش تەس، ئۇلار يولغا قويغان بىر قانچە تىللىق بلوگلا تىزىملىتالايدۇ. تىزىملىتىش ئۈچۈن ھەم بۇرۇن BlogAds بىلەن شۇغۇللانغان بىرسىنىڭ تەكلىپى بولىشى كېرەك. ئەگەر تەكلىپكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز blogads.com غا كىرىپ، ئۇلار تەمىنلىگەن ئېلاننى بلوگىدا قويغان يازغۇچىلارغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق تەكلىپ ئەۋەتىشنى ئۆتۈنسىڭىز بولىدۇ.
بۇ شىركەتكە مەن 3 يىل بۇرۇن تىزىملاتقان، ئەمما ئۇزۇن ۋاقت كارىم بولمىدى، بۈگۈن ئېچىپ قارىساممۇ باركەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇنى ئىشەنچىلىك دەپ قارايمەن. ماشابول قاتارلىق ژۇرناللاردىمۇ ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپتۇ.
ئادرېسى: www.blogads.comئەسكەرتىش: تەكلىماكان بلوگدا تەۋسىيە قىلىنغان ئېلان شىركەتلىرى بەلكىم ئۇيغۇرچە بلوگلارنى قوللىماسلىقى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى سىز قىززىقان تور بېكەتنىڭ ئاستىدىكى Terms of Service دىگەن جايدا بار. تەكلىماكان بلوگ مەزكۇر بېكەتلەرنىڭ ھەرقانداق باياناتى ۋە كىلشىمىگە مەسئۇل ئەمەس.
评论
سىز مۇ ئۇلارنىڭ ئېلانىنى ئېلتىماس قىلىپ بۇلۇپسىز ئەمەسمۇ!!!!!!